ئۇيغۇر ئىلى خەۋەر تورىنىڭ بۇ يىل 24 - مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ نىلقا ناھىيىسى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا كادىر يوقلىما تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ تۈزۈم بۇيىچە، نىلقا ناھىيىسىدىكى 110 مەسچىتكە كادىر يوقلىما دەپتىرى قويۇلغان. يوقلىما دەپتەردە، مەزكۇر مەسچىتنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى خاتىرىلەپ قويۇشى، ئىمزا قويۇشى تەلەپ قىلىنغان.
" مەقسەت دىننى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش"
خەۋەر تورى بۇ تۈزۈمنىڭ مەقسىتىنى دىنىي پائالىيەتلەرنى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش دەپ بىلدۈرگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 2005 - يىلى ئېلان قىلغان، مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى ھەددىدىن تاشقىرى كونترول ئاستىغا ئېلىشى، ھەتتا ئۇنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقات سورۇنىغا ئايلاندۇرىۋېلىشى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نارازىلىقنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا مۇقىملىق ئېھتىياجى بىلەن، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى نۇقتىلىق قامال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. بىز، مەسچىتلەردىكى كادىر يوقلىما تۈزۈمى ھەققىدە نىلقا ناھىيىلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
"5 - فېۋرال" نىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن
بۆلۈم باشلىقى مەزكۇر تۈزۈمنىڭ، خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرگىنىدەك يېڭى بىر تۈزۈم ئەمەسلىكىنى، ئۇنى ئۇزۇندىن بېرى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى مۇقىملىق ئېھتىياجى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ، بۇ تۈزۈمنىڭ 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
مەزكۇر بۆلۈم باشلىقى سۆھبىتىمىز جەريانىدا، نىلقا ۋەزىيىتىنىڭ تېنچ ۋە مۇقىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئەمما يېقىندا رادىئومىزغا ئەھۋال مەلۇم قىلغان بىر ئۇيغۇر، بۇلتۇر 9 - ئايدا، نىلقىدىكى توقايلىق دەپ ئاتىلىدىغان تەبىئىي ساياھەت باغچىسىدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ دىنىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان 26 نەپەر ياش دىنىي زاتنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئالىمجان ئابدۇرۇسۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ مۇقىملىققا تەھدىت سېلىش ئەيىبلىمىسى بىلەن 45 كۈن قاماقتا ياتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
يۇقىرىقى بۆلۈم باشلىقىنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، مەسچىتلەردىكى كادىر يوقلىما تۈزۈمى يەنە بىر قېتىملىق 5 - فېۋرال ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. خەلقئارا جامائەت، 5 - فېۋرال ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى دەپ تونۇغان ئىدى. (شۆھرەت ھوشۇر)