بۇ قېتىمقى ھەجگە ئۇيغۇر ئېلىدىنمۇ ئۈچ مىڭغا يېقىن مۇسۇلمان ئەھلى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ھەج ئۆمىكىگە قاتىشىش ئارقىلىق ھەج قىلىشقا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، ئۇلار ئاۋالقى قېتىمقى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەنلەردىنمۇ قاتتىق كونتروللۇق ھەم بېسىم ئاستىدا ئىبادەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۆمتۈرۈك ئەپەندى، ئۆز ھەج پائالىيىتى داۋامىدا بىر قانچە ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئېيتقان "قېرىنداشلار بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار ..." دېگەن بىر ئېغىز سۆزىدىنلا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە سېيىت تۆمتۈرۈك ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.