ھەر قانداق دۆلەتنىڭ پۇقراسى كىملىك ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانغا ئوخشاش پاسپورت ئېلىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە. ئىنسانلار ئۆز دۆلىتىدىن خالىغان ۋاقىتتا كىملىك گۇۋاھنامىسى ۋە پاسپورت ئىلتىماس قىلىپ ئالالايدۇ ۋە خاتىرجەم ھالدا باشقا دۆلەتلەرگە سەپەر قىلالايدۇ.
ئۇيغۇرلارمۇ چەتئەلگە چىقىپ، بىلىم ئىگىلەش، يۇرت ئايلىنىش، سەيلە ساياھەت قىلىش ياكى ھەج ئىبادەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن پاسپورتقا ئېھتىياجى بولىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن قانۇنى يول بىلەن پاسپورت بېجىرەلمەيدىكەن.
ئۇيغۇرلار چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئىگىلەش. سودا - تىجارەت قىلىش، سەيلە - ساياھەت ۋە ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ۋە ياكى سىياسى بېسىمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ پاسپورت بېجىرەلمىگەنلىكتىن بۇ خىل ئارزۇ - ئىستەكلىرى يوققا چىقىدىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقى بولغان پاسپورت بېجىرىش ئىشلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى قانداق شەرتلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟ ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش خالىغان ۋاقىتتا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن پاسپورت ئالالامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئىشلەپ بېرىش ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇدۇ؟
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايىتۇللا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.