ياپونىيىدە 'خىتاينىڭ يىپەك يولىدىكى ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنى ۋە ياپونىيىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رولى" ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلغان

RFA Photo / Erkin Tarim
بۇ يىغىندا ياپونىيە ساپپورو تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. تاكادا جۈن ئەپەندى، دالايلامانىڭ ياپونىيىدىكى ۋەكىلى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگىلىيە ۋەكىلى ئەنۋەر توختى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.
"خىتايدا ئاتوم سىناقلىرى" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى تاكادا جۈن ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلىپ، يىپەك يولى ئۈستىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم سىنىقىدىن قاتتىق زىيان كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى 1990 - يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا 11 قېتىم يەر ئاستى ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىملىقى تېيىز يەر ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر مېگاتوننا دەرىجىدىكى چوڭ تىپتىكى سىناق بولۇپ، بۇنىڭ زىيىنى يەر يۈزىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىنىقى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش دەرىجىدە بولغانلىقىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇنىڭ رەسمى ئىسپاتلانغانلىقىنى ئېيتقان.
د ئۇ ق ئەنگىلىيە ۋەكىلى ئەنۋەر توختى ئەپەندى "خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان ئاتوم سىنىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان تەسىرى" تېمىسىدا سۆز قىلغان. ئۇ بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدا راك كېسىلى دوختورى بولۇپ ئىشلىگەن ۋاقتىدا ئۇچراتقان كېسەللىكلەردىن مىسال بېرىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئاتوم تەسىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى ساھىبخالىقىدا چاقىرىلغان بۇ يىغىن 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بىر كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلخام مەخمۇت ۋە يىغىندا سۆز قىلغان ئەنۋەر توختىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.