خىتايدىكى بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا يولۇققانلىرى

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلاردا سىياسىي ھوقۇقنىڭ بولماسلىقى دەپ قارىسا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېقىندى تەتقىقاتچىلار مەسىلىنىڭ، سىياسىي تەرىپىنى ئىنكار قىلماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدىكى نۇتۇقلىرىدا قوش تىللىق بولۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش تېپىش ئىمكانىنى ئاشۇرۇدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا.

ئەمما رادىئومىزغا كەلگەن بەزى ئىنكاسلار، قوش تىللىق ئەمەس، كۆپ تىللىق يەنى بىر قانچە تىلىنى بىلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ ئىشسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ پروگراممىمىزدا، ئانا تىلىدىن باشقا ۋە خىتايچە ۋە ئىنگلىزچىنى ياخشى بىلىدىغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ خىزمەت تېپىش جەريانى ۋە يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا، ئۇ ياش بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى سىلەرگە سۇنىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.