خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ھەم شەھەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى ئېچىش دولقۇنى قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، باشقۇرۇش، مەبلەغ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىشتۇر دەپ كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

بۇلتۇر بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئېلىنغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بويىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە ۋە شەھەر چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەتكە كېلىپ بۇ بىر يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرى ۋە ساھەلىرىگىچە سىڭىپ كىرىپ، يېڭى بىر ئېچىش دولقۇنىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە 20 يىلغا يېقىن ھوقۇق تۇتقان ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشەننى يۆتكەپ كېلىشى 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇشتا ئالغان ئەڭ چوڭ قارارى دېيىلسە، خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشىنى نۇقتىلىق ئىستراتېگىيىلىك تەدبىر دېيىشكە بولىدۇ.

بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 28 كۈنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابى، قەدىمىي دىيار قەشقەردە ۋىۋىسكا ئاسقاندىن بۇيان خىتاي ئاخباراتى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان سىناق نۇقتا تۈرلىرى 172 گە يەتكەن. خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ تەشۋىقاتىغا قارىغاندا بۇ خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ بىر يىلدا ھەر كەسىپلەر بويىچە سالغان مەبلىغى 15 مىليارد 800مىليون يۈەندىن ئاشقان ئىكەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىدۇ دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىغا ئورۇنلاشقان سىناق نۇقتا تۈرلىرى «خەلق تۇرمۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېيىلىۋاتقان بولسا، يەرلىك ئۇيغۇر ئاممىسى بۇ خىل يېڭى ئېچىش دولقۇنىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەسلى خوجايىنلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەندىن باشقا،ئەكسىچە جايلىرىدا بار بولغان ئىمكانلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشقا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا، ئاقسۇدىكى بىر ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ بايانى بۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، باشقۇرۇش، مەبلەغ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىشتۇر دەپ كۆرسەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بىر يىلدا يەنە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش روھى» نى تەرغىب قىلىپ خىتاي ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئالتە تۈركۈمدە جەمئىي 3700 كادىر يۆتكىگەن. ئۇلار نۆۋەتتە تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىن يۆتكەپ كەلگەن بۇ كادىرلىرىنى بولسا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر ساھەلىرىگە كۈچ قوشۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئەمىنلىكى ئۈچۈن زور رول ئوينىماقتا دەپ تەشۋىق قىلماقتا. گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندىن كەلگەن كادىر لو ۋېيدۇڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا «شىنجاڭدا تۇرىدىغان ئۈچ يىل ۋاقىتقا نىسبەتەن ھەممىمىزنىڭ روھىي تەييارلىقىمىز بار، بۇ خۇددى ئۈچ يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانغا ياكى ئۈچ يىل ئەسكەر بولغانغا ئوخشاش ئىش» دېگەن. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدۇ دېيىلگەن 19 خىتاي ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرىمۇ ئاساسەن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ئاساسىي قاتلاملارغا ئورۇنلىشىپ بولغان، شىنجاڭ گېزىتى بۇ ھەقتە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى مېخانىزمى شىنجاڭدىن مەڭگۈ كەتمەيدىغان خىزمەت ئەترىتى"نى قالدۇردى دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بايانىغا قارىغاندا،بۇ خىل «ياردەم بەرگۈچى» كادىرلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىغا سەلبىي تەسىرلەرنى بەرگەندەك كۆرۈنىدۇ، خوتەنلىك دېھقان ئايال ئۆز يۇرتىغا «ياردەم» گە كەلگەن خىتاي كادىرلارغا مۇنداق باھا بەردى.

جاڭ چۈنشەن «شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاممىنى بىرىنچى ئامىل، خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن ئەلا، ئاساسىي قاتلامنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىش» دېگەن ئۈچ نۇقتىئىنەزەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا بۇ بىر يىلدا مۇشۇ ئۈچ تەرەپنى ئاساس قىلىپ سىياسەتلەرنى يۈرگۈزمەكتە. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىدىغان بۇ ئۆلكە، شەھەرلەر كەلگۈسى بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ پىلان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى ۋە ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا سىڭىپ كىرگەن 19 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش ياردەم بېرىش ئىشلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئۆزلىرى گۈزەل تەرىپلەۋاتقان «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان مېھرىبانلىق ھەرىكىتى» بولماستىن بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ 5-ئىيۇلدىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىتىلگەن بىر شەكلى دەپ مۇلاھىزە قىلدى.