بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى تەشكىلاتلار بىرلىكى باشلىقى، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى باش كاتىپى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
«فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، تۈنۈگۈن تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكى يىغىنى ئېچىلدى. ئۇ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكى 70 جەمئىيەتنىڭ ئەزالىقىدىكى بىر تەشكىلات. بىز جەمئىيەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە توپلاندۇق ۋە ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ قايتىدىن بىر باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلدۇق. ئەلۋەتتە، تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇرۇن قانداق بىر مەقسەت ئۈچۈن قۇرۇلغان بولسا، ئەنە شۇ مەقسەتنى چۆرىدىگەن ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز. سىزگىمۇ مەلۇم، تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشىش. شۇڭا تۈركىيە سىرتىدىكى ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسىنى تارتىپ چىقىرىپ نۆۋەتتىكى مەسىلىلەر قاتارىغا ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى. بۇ جەھەتتىن، شەرقىي تۈركىستاننى مەركەز قىلغان ھالدا، كەركۈكتە، سۈرىيىدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان تۈرك ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەر زامان تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئورۇن تۇتىدۇ. مۇشۇلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا خىزمىتىمىزنى داۋام قىلىمىز.»
سوئال: سىلەرنىڭ تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا نۇرغۇن ياردەملەردە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ؟ خىتايغا قارشى، بۇ ھەرىكىتىڭلارنى يەنە داۋام قىلامسىلەر؟
جاۋاب: بىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تاكى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە ئۇندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ زامانىدىن تارتىپ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. دېمىسەممۇ بىلىسىز، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات. بىزنىڭ 400 مىڭدىن ئوشۇق ئەزايىمىز بار. تۈركلەر ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بولسا بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىز تۈركىيىدە زور كۈچكە ئىگە. بىزمۇ ھەم بۇ كۈچىمىزنى توغرا بىر خىزمەتكە سەرپ قىلىشقا تىرىشىمىز. خەيرۇللاھ ئەپەندىنى مىسالغا ئالساق، ئۇ گەرچە ئەنقەرەدە بىر نەچچىلا كىشى بىلەن يالغۇز قالغان بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي بىر تۈركلۈك سەۋداسى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ماڭغۇزۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭ يېنىدا بولۇشنى ۋە ئۇنىڭ دەۋاسىنى ئۆز دەۋايىمىزدەك كۆرۈشنى بەخت دەپ بىلىمىز. شەرقىي تۈركىستان پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغىلا ئەمەس بەلكى زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان پۈتۈن مىللەتلەرگە ئىگە چىقىشقا تىرىشىدۇ. بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز، ئەنقەرەدە خەيرۇللاھ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئىنشائاللا ئۇلار داۋاملىق مۇشۇنداق ئىرادىلىك بولغاي! ھەر قېتىم بىرلىكتە خىتاي ئەلچىخانىسىغا نامايىش ئۈچۈن بارغىنىمىزدا خىتايلارنىڭ قانداق تىرىپىرەن بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بىر مىللەتنى قورقىتالاش بەلكى ئۇنىڭ ئاياغ ئاستىدا ئېزىلىۋاتقانلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇشى مۇمكىن. بىز ھەممىمىز خىتايلارنىڭ رامازاندا ئۇيغۇرلارنى ئىبادەتتىن چەكلىگەنلىكىنى بىلىمىز. ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ھۆرلۈك، ئازادلىق ۋە ئىنساندەك ياشاش ئەركىنلىكىنى ئۆز قولىغا ئالالايدىغانلىقىغا بىز ھەقىقىي ئىشىنىمىز. شۇڭا بۇندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ دەۋاسىغا ياردەمچى بولىمىز.
سوئال: تۈركىيىدەك دېموكراتىك بىر دۆلەتتە، نامايىش، نارازىلىقلارنىڭ خەلققە مەلۇم پايدىسى بار. ئەمما خىتايدەك بىر دىكتاتور تۈزۈمدىكى بىر دۆلەتكە قارشى نامايىش قىلغاننىڭ سىزچە ئۇيغۇر دەۋاسىغا پايدىسى بارمۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە پايدىسى بار. نامايىش ئارقىلىق ئۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنىدۇ، جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتى ئۇ مەسىلىگە چۈشىدۇ. ئەگەر، بىر دەۋا پۈتكۈل خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتالمىسا، خەلقنىڭ بۇ مەسىلىدىن خەۋىرى بولمىسا، بۇ دەۋانى خەلققە چۈشەندۈرۈشمۇ قىيىن بولىدۇ، زۇلۇم تارتىۋاتقانلارنىڭ زۇلۇمىنى ئىسپاتلىغىلىمۇ بولمايدۇ. يىللاردىن بېرى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاچىلىرى كۆرگەزمىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ زۇلۇمىنى بىلمىگەنلەرگە چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولى بەك چوڭ. بىز خىزمەت داۋامىدا بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. شۇڭا بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قوللايدىغان قىلىش لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولىدىغان بولسا ھەممىمىز بىللە تېخىمۇ يۇقىرى بىر ئاۋاز بىلەن دەۋايىمىزنى جاكارلىيالىساق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ قەدىمى تېخىمۇ تېزلەشكە باشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
