' ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغىمۇ قۇلاق سېلىپ باقايلى'

يېقىندا تورونتودا چىقىدىغان بۈيۈك جۇڭخۇئا گېزىتىدە "ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغىمۇ قۇلاق سېلىپ باقايلى" دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسى، ئىقتىسادى، مائارىپ، مەدەنيەت ۋە دىنىي ساھەلەردە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلىرىنى خىتاي ئاپتورلىرىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق بىرقەدەر ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تەشۋىقاتلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا، ئۇيغۇرلارنى قارىلايدىغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە خىتاي تىلىدا چىقىدىغان گېزىتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خىتاي جامائىتىگە بىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.