بۇ سەۋەبتىن روېيتېرس ئاگېنتلىقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خوتەن ۋە قەشقەردە ئۇيغۇرلار ھاياتىغا ئائىت بىر يۈرۈش رەسىملىك خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە تاغا كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان بىر ئايال، ئىشەك ھارۋا بىلەن ئوغۇت توشۇۋاتقان بىر دېھقان، كوچىدا تۇخۇم سېتىپ ئولتۇرغان مەكتەپ يېشىدىكى بىر قىز، كونا ھارۋىدا گۆش سېتىپ ئولتۇرغان بىر قاسساپ قاتارلىق ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن 100 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم كىرگۈزۈلگەن. بۇ رەسىملەردىن 42 پارچىسى تۈركىيىنىڭ ھۆرىيەت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ رەسىملەرگە قارىتا تۈرك كىتابخانلىرى تور بېتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.
" خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارغا نېسىۋە يوق"
بىر كىتابخان 21 - ئەسىردە، ئاسىيانىڭ مەركىزىدە بۇ دەرىجىدە جاپالىق بىر ھايات كەچۈرۈۋاتقان خەلقنىڭ بارلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتىمەن" دەپ يازغان. يەنە بىر كىتابخان: " قېنى بۇ خىتاي ئىشىكىنى سىرتقا ئېچىۋەتكەن، تەرەققىي قىلغان، كۇچلىنىۋاتقان ئىدىغۇ، بۇلارغا ئۇ تەرەققىياتتىن ئازراقمۇ نېسىۋە تەگمەپتىغۇ؟ " دەپ يازغان. " بۇ رايوندا نامرات ئائىلىلەر نېمانچە كۆپ" دەپ ئېچىنغان بىر كىتابخان، ئىشلەپچىقىرىشتا تېخىچىلا ئات - ئۇلاغنى ۋاستە قىلىۋاتقان بۇ رايوننىڭ قەستەن ئارقىدا قالدۇرۇلغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يىلماز كەنان ئىسىملىك بىر كىتابخان مۇنداق دېگەن : "بۇلارنىڭ كۆرگەن زۇلۇمى كۆزلىرىدىن ۋە يۈزىدىن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ رەسىملەرگە قاراپ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىنى كۆرگەندەك بولدۇم."
" ئۇيغۇرلارغا بىر دالاي لاما ئەمەس، بىر مۇستاپا كامال كېرەك"
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيىنىڭ تارىخ دەرسلىك كىتابىدا، ئۇيغۇرلار تۈرك خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ بالدۇر شەھەرلەشكەن، ئەڭ بالدۇر يېزىق قوللانغان، مەدەنىيەت تارقىتىشتا ئۈلگە بولغان بىر خەلق دەپ تونۇشتۇرۇلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ھەيران قالغان تۈرك كىتابخانلار، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دەرىجىدە ئارقىدا قېلىشىنى بىردەك سىياسىي سەۋەبلىك دەپ چۈشەنگەن.
مەلتەم ئىسىملىك بىر كىتابخان ئۇيغۇرلارغا بىر دالاي لاما كېرەك دەپ يازغان بولسا، ئىبراھىم چىۋان ئىسىملىك بىر كىتابخان : " ئۇلارغا بىر دالاي لاما ئەمەس، بىر مۇستاپا كامال كېرەكتەك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ھالى بىزنىڭ 80 يىل بۇرۇنقى ھالىمىزغا ئوخشاۋاتىدۇ " دەپ يازغان. ئەمەك تۈرك ئىسىملىك بىر كىتابخان مۇنداق يازغان: ھالىڭلارغا بەك ئېچىندىم، بۇ كۈن ئەمەس ! سىلەردىن بىر ئاتاتۈرك چىقىشىنى تىلەيمەن.
" ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بەدەل تۆلەۋاتقان خەلق"
يېزىلغان ئىنكاسلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا سوراق ۋە تەنقىدلەرمۇ بار. كىتابخانلاردىن سامىجان دوگۇكۇت " تۈرك مىللەتلىرى ھۆر ياشاش ئۈچۈن ئېغىر - ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن، قارىغاندا بۇلارنىڭ بۇ بەدەلنى تۆلىگىسى يوق،" دەپ يازغان بولسا، يەنە بىرى: " ئەركىنلىك يىغا - زارە بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، ھەممە مىللەت ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئۆزلىرى قوغدىشى كېرەك دەپ يازغان. يۇقىرىقىلارغا قارىتا يەنە بىر كىتابخان: " ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بەدەل تۆلىگەن، توختىماي بەدەل تۆلەپ كېلىۋاتقان خەلق، ئۇلار كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىشتا مىسالى ئاز ئۇچرايدىغان باش ئەگمەس خەلق دەپ يازغان.
يەنە بىر كىتابخان: "ھەر قېتىم ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن ئۆلۈم جازاسى خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، مەن ئۆزەم ئېلىۋاتقان ھەر بىر نەپەستىن نومۇس قىلىمەن " دەپ ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلغان.
" سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشىنى ھېچكىم شۇ يىللاردا مولچەرلىيەلىگەن ئەمەس" دەپ يازغان بىر كىتابخان " خىتاينىڭ پارچىلىنىشىمۇ مۇقەررەرلىك " دەپ يازغان ۋە ماۋ زېدۇڭنىڭ "سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز " دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.