يازغۇچى ۋورتىڭتون ' رويال گېزىتى ' دە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىنى ئەيىبلىدى

بېرمۇدىدا چىقىدىغان "رويال گېزىتى" بېرمۇدىغا 4 نەپەر ئۇيغۇر يۈرۈشلەشتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبلىك بەزى ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىشنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قارشى پىكرىنى ۋە بۇ ھەقتىكى خەتلەرنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ھالبۇكى، ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل يازغۇچى، ژۇرنالىست ئەندي ۋورتىڭتون مەزكۇر گېزىت تەھرىراتىغا مەكتۇپ يوللاپ، بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنى پەقەت بىر تەرەپنىڭ پىكىر بويىچىلا يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئېلان قىلماسلىقى ھەمدە مەزكۇر 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدىمۇ كۆپرەك توختىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

4 نەپەر ئۇيغۇر گۇانتانامودىن بوشىتىلىپ ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى بېرمۇدا غا يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن بېرمۇدا جەمئىيىتىدە تۈرلۈك ئىنكاسلارمۇ مەيدانغا كەلدى.

بۇلارنىڭ بىرى 18 - ئىيۇن مەزكۇر ئارالدا چىقىدىغان رويال گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر تۆت نەپەر ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك ماقالە بولۇپ، ماقالىدە بىر نەچچە نەپەر ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك بېرمۇدا ساياھىتىنى ئەتكەس قىلىدىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

گەرچە بۇ ھەقتە بېرىلگەن ماقالىدە،بېرمۇداغا قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قېتىم گۇناھسىز دەپ ئاقلانغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى ئەندي ۋورتىڭتون رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رويال گېزىتى ئېلان قىلغان ماقالىنى بىر تەرەپلىمە پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈردى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ماقالىنى " ناچار ماقالە،" دەپ ئەيىبلىدى.

ماقالىدە نەقىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بوستۇن شەھىرىدىن بولغان مارشال ئاتتىنا: "مەن بۇ بىچارە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن. ئەگەر بىز بۇلارنى ئادالەتسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرغان بولساق بىز بۇنى تۈزەتسەك بولاتتى" دېگەن ۋە شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلى بۇ يىل ئىيۇلدا بېرمۇدادا ئېلىپ بېرىشنى پىلان قىلغان ساياھىتىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ گېزىت تەھرىراتىغا خەت يوللىغان.

مەزكۇر ماقالىدىكى كۆز قاراشلارغا قارشى ە پەقەت بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭلا ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىپىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى ئەندي ۋورتىڭتون، گېزىت تەھرىراتىغا يوللىغان مەكتۇپىدا: " ئەگەر كىشىلەرگە ئاساسسىز قورقۇنچ سالىدىغان بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلماقچى بولساڭلار، سىلەر چوقۇم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قېتىم دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلانغانلىقىنىلا تىلغا ئېلىپ قويماي، مەسىلىنىڭ باشقا تەرىپىنىمۇ يورۇتۇپ بېرىشىڭلار كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

رويال گېزىتىگە يوللىغان مەكتۇپى ھەققىدە توختالغان ئەندي ۋورتىڭتون ماقالىدە بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇناھسىز دەپ ئاقلانغانلىقىنىلا كۆرسىتىپ ئۆتۈشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى ۋە: "ئەمما ئۇلار بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن كۆپرەك نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۇلارنىڭ ئىككى قېتىم ئاقلانغانلىقىنى، بولۇپمۇ بوش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاقلانغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇماسلىقى كېرەك ئىدى " دېدى.

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەقتە ئوخشاش پىكىر ۋە ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈپ ماقالە يازغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەر بولۇپ، بۇلار 4 - 5 نەپەر ئەتراپىدا.

ئەندي ۋورتىڭتون رويال گېزىتى تەھرىراتىغا يوللىغان مەكتۇپىدا ماقالىسىدە، گەرچە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈلۈشى پىلان قىلىنغان بولسىمۇ، دەل شۇ پەيتلەردە ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسىيونلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇنىڭغا قارشى تۇرغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە شۇ خىلدىكى "خىيالى خەتەرلىك" ئۇقۇمىنىڭ ئېقىپ يۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە: " بۇ كىشىلەر ھېچكىمگە خەتەر تۇغدۇرمايدۇ. ئەكسىچە، بۇلار بوش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى تۈپەيلى گۇەنتاناموغا گۇناھسىز ھالدا قامالغان باشقا نۇرغۇنلىغان شەخسلەرگە ئوخشايدۇ،" دەپ يازىدۇ.

ئەندي ۋورتىڭتون بۇ ھەقتە توختىلىپ، " ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتى بەزى سىياسىيونلار ۋە ئوڭ قانات ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە نىسبەتەن سەل غەييۇرراق بولۇپ، ئەيىبلەشلەردىن ئۆزىنى قاچۇرمىغان بولسا، ئىشلارنىڭ باشقىچە بولىدىغانلىقى، گەرچە ئۇلار دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئارىلىشىپ ئۇلارنىڭ يەنىلا ئامېرىكا جەمئىيىتى ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەپ، ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈشكە يول قويمىغانلىقى، "ئادەمنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ" دېدى ۋە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: " بۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى بىر توخۇ يۈرەكلىك بولۇپ، مانا بۇلار بۇ خىل مەسىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ ئىشتا مەسئۇلىيىتى ئەڭ كۈچلۈكلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ كىشىلەر ھېچقانداق ئىشنى خاتا قىلغىنى يوق دېگەن بولسا، بۇ كىشىلەر قويۇپ بېرىلگەنلەر ئارىسىدا بۇنداق قىيىن ئەھۋالغا قالمىغان بولاتتى."

17 ‏ - ئىيۇن بېرمۇدىنىڭ پايتەختى خالمىتوندا ئېلىپ بېرىلغان نەچچە يۈز كىشىلىك نامايىشتاش بۇ ھەقتە مەيدانغا كەلگەن پىكىرلەرنىڭ بىرىدۇر.

نامايىشچىلار، مەزكۇر تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ ئاقلانغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ نۆۋەتلىك نامايىشنىڭ بۇلارغا قارشى ئەمەسلىكىنى، ئەمما بېرمۇدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كېلىشتە ئەنگىلىيە دائىرىلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەنلىكىگە نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ۋە باش مىنىستىر ئەۋارت بروۋنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە قىستىغان ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان ئەندي ۋورتىڭتون بۇ نامايىشنىڭ پەقەت ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى: "بۇ نامايىشچىلارمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس، بىر نەچچە يۈز ئەتراپىدا. مەنچە بۇلار ئۇيغۇرلارنى كوزىر قىلىپ، باش مىنىستىرى بروۋنغا قارشى سىياسىي غەرەزلەرنى ئىشقا ئاشۇرماقچى."

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باش مىنىستىر بروۋن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما مەزكۇر تۆت نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.