ئەنە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان رۇس مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتى جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قازىنىپ، بىر قاتار كىتابلارنى نەشىر قىلدۇردى. يېقىندا يەنە يېڭى كىتابلار مەيدانغا چىقتى.
سوئاللار ۋە تەتقىقاتلار
مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى ئۇيغۇر دىيارىنى ، چار رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانى، بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسى جەنۇبىي ئاسىيانى بېسىۋالغاندىن كېيىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىي تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئېلى مەزكۇر ئۈچ ئىمپېرىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي - سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر توقۇنۇش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلەر توقۇنۇشى جەريانىدا چاررۇسىيە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىپ، تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغىچە بۇ دىيارنى ئۆزىنىڭ تۈرلۈك تەسىرلىرى ئاستىدا تۇتۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
ئۇنداقتا 19 - 20 - ئەسىردىكى چاررۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ رايونغا قاراتقان تۈپ سىياسىتى قانداق ؟ ئۇيغۇر دىيارى ئۇنىڭ خىتاي سىياسىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەقلىرى جۈملىدىن جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە قانداق سالماقنى ئىگىلىدى, بۇ جەرياندا رۇسلار نېمىنى ئۇتتۇردى ۋە نېمىلەرنى قولغا كەلتۈردى؟ ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىلىرى بۈگۈنكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى رۇسىيە ئۈچۈن نېمىلەرنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن ؟ دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر يېقىندىن بۇيان رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئېلىپ , كۆپلىگەن ماقالىلار قاتارىدا مەخسۇس مونوگراپىيىلىك تەتقىقات كىتابلىرى مەيدانغا كەلدى.
2006 - 2007 - يىللىرى موسكۋادا يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدىغان ئۈچ مۇھىم كىتاب مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يېڭىسى يېقىندا موسكۋادىكى "دىپاكادېمىيە" نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئاتاقلىق رۇس دىپلوماتى ۋە دىپلوماتىيە تارىخى تەتقىقاتچىسى ۋلادىمىر كاسىلنىكوفنىڭ " شىنجاڭنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى" ماۋزۇلۇق كىتابىدۇر. بۇ كىتاب , ئۇيغۇر ئېلىدا تۇغۇلۇپ، 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپلىرىغا قاتناشقان، ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدا تۇغۇلغان , كېيىن موسكۋادا ياشىغان تارىخچى ۋ.ئى. پېتروۋنىڭ 2006 - يىلى نەشىر قىلىنغان " ئاسىيانىڭ قوزغىلاڭچى يۈرىكى" ماۋزۇلۇق كىتابى ھەم قازاقىستانلىق ژۇرنالىست ۋە تارىخچى ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ 2007 - يىلى نەشىر قىلىنغان " ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ" ناملىق كىتابىدىن كېيىن يورۇقلۇققا چىققان يېڭى ئەسەردۇر.
ئەڭ يېڭى كىتاب : شىنجاڭنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى
ۋلادىمىر كاسىلنىكوف كىتابىدا ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق، مول تارىخىي ۋە دىپلوماتىيىلىك ماتېرىياللار ئاساسىدا رۇسىيىنىڭ 19 - 20 - ئەسىردىكى 100 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزىدۇ ۋە مەزكۇر ئۇزۇن بىر مۇساپە جەريانىدا چاررۇسىيە ۋە كېيىنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر جاينى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك تەسىر دائىرىسىدىكى رايون دەپ بېكىتىپ، بۇ جايدا باشتىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
شۇنىڭدەك بۇ سىياسەتلەرنىڭ ھامان ئۇنىڭ شەرق سىياسىتى جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىچكى سىياسىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاپتورنىڭ يەكۈنلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇيغۇر دىيارى تارىختىكى رۇسىيە ئۈچۈن قانداق مۇھىم بولغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنىلا مۇھىمدۇر.
تەنقىد ۋە ۋەزىيەت
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان بىر قىسىم رۇس خىتايشۇناسلىرى، ئۇيغۇرشۇناسلىرى ۋە ۋە خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا چاررۇسىيە ھەم كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە قاراتقان قۇربان قىلىۋېتىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلىش پىكىرلىرى مەيدانغا چىققان ئىدى.
رۇسىيە ئالىمى ۋ.ئا. بارمىن بولسا، ئۆزىنىڭ " 1918 - 1941 - يىلىدىكى سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ" ۋە " 1941 - 1949 - يىللىرىدىكى سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ" ماۋزۇلۇق ئىككى كىتابىدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ 20 - 30 - ۋە 40 - يىللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ئويۇن قەرتى قىلىپ ئويناپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
موسكۋالىق ئالىمە د. دۇبروۋسكايا بولسا، " شىنجاڭنىڭ تەقدىرى" ماۋزۇلۇق كىتابىدا رۇسىيىنىڭ ياقۇپ بەگنىڭ يەتتە شەھەر دۆلىتى ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى قۇربان قىلىپ، زو زۇڭتۇڭنىڭ بۇ يەرنى ئىشغال قىلىشىغا يول ئاچقانلىقىنى يەكۈنلىگەن بولسا، يەنە بىر نەپەر موسكۋالىق ئۇيغۇرشۇناس ئو.زوتوۋ چار رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرى كېيىن ئۈچ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ۋەيران قىلغانلىقى، ئەگەردە چاررۇسىيە ھەم كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى قوللىغان بولسا، يەنى ياقۇپ بەگ دۆلىتى ۋە ياكى كېيىنكى 1933 - ۋە 1944 - يىللىرىدىكى جۇمھۇرىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغان بولسا، رۇسىيىنىڭ ئەسلى دۆلەت مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن رۇس دۆلەتچىلىكىنىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان سىياسەتلىرىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
رۇسىيە ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە زور نەتىجىدە قازانغان دۆلەت. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇس ئالىملىرى كونا زامان تارىخى ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىردىكى ھەم بۈگۈنكى يېڭى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئورنى ۋە باشقىلارنى تەتقىق قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەرمەكتە.