'ئۇيغۇرلار خۇ جىنتاۋنىڭ قوراللىق قىسىملارغا قىلغان چاقىرىقىدىن ھۇشيار بولۇشى كېرەك'

خىتاينىڭ 'شىنجاڭنىڭ ئامانلىقى' دېگەن تور بېتىدە، 2008‏ - يىلى 12 ‏ - ئاينىڭ 30 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ باي ناھىيىسىدە 25 ياشتىن تۆۋەن ياشلارغا 'بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، پاش قىلىش تەربىيىسى' ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، قاغىلىق ناھىيىسىدە 'مۇقىملىقنى ساقلاش' ئۈچۈن ئاقما نوپۇسلارغا ئۆي ئىجارە بەرمەسلىك ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش چۈشۈرۈلگەنلىكى، مارالبېشىدا ساقچىلار ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ خەلق بىلەن سۆھبەتلىشىپ خەلقنىڭ رايىنى سىناۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن خىتاينىڭ 'شىنخۇا تور بېتى'دە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ 2009‏ - يىل 1 ‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى پارتكومىنىڭ ئومۇميىغىنىدا، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرغان. دۇنيا قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مەركىزىدىن ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

بۇ - - خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ۋەھىمە پەيدا قىلماقچى بولغانلىقى

ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان يۇقىرىقىدەك سىياسىي ھەرىكەتلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا قىلغان چاقىرىقى ئاساسىدا تەھلىل قىلىشىچە، بۇ، گەرچە ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن ئۇرۇش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ۋەھىمە پەيدا قىلماقچى بولغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى تېزلىتىشكە نەزىرىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتىن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بولۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇرلار ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەقەلەر بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىقى يوق

ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدە ياكى ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى تىنچ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەققانىي ھەرىكەت. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ پەلەستىن بىلەن ياكى ئوساما بىنلادىن بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىقى بولغان ئەمەس.

ئەمما خۇ جىنتاۋنىڭ خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا قىلغان چاقىرىقى - خەلقئارادىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرىدىغان سىياسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى.

ئۇيغۇر خەلقى بۇنىڭغا ھۇشيار تۇرۇشى كېرەك، بۇنىڭغا يول قويماسلىقى كېرەك. خەلقئارادىكى سىياسەتمۇ، خەلقئارا تەشكىلاتمۇ بۇنىڭغا يول قويمايدۇ.