ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئورنى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ قانۇن تۈزۈم ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆكتاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان. كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت دېلولار 9 مىليون 900 مىڭ قېتىم يۈز بېرىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن سان جەھەتتىن 20% ئۆرلىگەن؛ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ سانى بولسا 5 مىليون 300مىڭغا يېتىپ، 9% ئۆرلىگەن.

0:00 / 0:00

كۆكتاشلىق كىتابتا Opens in new window ]

جىنايەت شەكىللىرى ئىچىدە يەنە زوراۋانلىق جىنايىتى، بۇزغۇنچىلىق جىنايىتى، قارا گۇرۇھ جىنايىتى ۋە كوللىكتىپ ۋەقە تۇغدۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ تېز كۆپىيىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. كۆكتاشلىق كىتاب خىتايدا 2010 ‏- يىل ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ جىنايەتلەر سادىر بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ۋە زىددىيەتلەرنى پەسەيتىشكە چاقىرغان.

مەزكۇر كىتاپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ۋە كۆكتاشلىق كىتاب ھەققىدە پىكىر-مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

خىتاي مۇلاھىزىچىلەر ئاساسلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارماي تۇرۇپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۈگۈن خىتايچە ب ب س دا پىكىر بايان قىلغان پروفېسسور دىڭ شۈېلياڭ، خىتاينىڭ جىنايى ئىشلارغا زەربە بېرىشتە قاتتىق بولۇشقا تېگىشلىك دېلولاردا يۇمشاق، يۇمشاق بولۇشقا تېگىشلىك دېلولاردا قاتتىق جازا قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دىڭ شۈېلياڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش، سېرىق بۇيۇملارنى تازىلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئەمەس، پەقەت ۋاقىتلىق پەسەيتىش رولى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. دىڭ شۈېلياڭ خوڭكوڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى مەسىلىلەرنى راستىنلا ھەل قىلىش نىيىتى بولسىمۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چارىسىز قېلىۋاتقانلىقىنى، مەسىلەن، خىتاينىڭ خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇشتا سەمىمىي ئىكەنلىكىنى، ئەمما دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ خىيانەتچىلەرنى جازالاشتا ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۈگۈن يەنە خىتايچە بۈيۈك ئىرا تورىدىمۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ جىنايەتچىلەر گۇرۇھى كىم دېگەن تېمىدا بىر مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇلاھىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1999 ‏- ۋە 2003 ‏- يىلى ئارىسىدا نورمال پۇقرالاردىن ھەر 400 كىشى ئارىسىدا بىر كىشى جىنايەت ئۈتكۈزگەن، دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا ھەر 200 كىشىدىن بىرسى، ئەدلىيە خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىن ھەر 75 كىشى ئىچىدىن بىرسى دېلو سادىر قىلغان.

بۇ مەلۇماتلار خىتاي ئالىي سوتىنىڭ 2003 ‏-يىللىق دوكلاتدىن نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، مۇلاھىزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىيەتنى تۈزەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى تۈزىشى كېرەكلىكىنى، ھۆكۈمەت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلماي تۇرۇپ جەمئىيەتنى ئوڭشىيالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مەزكۇر تەكلىپكە قارىتا چۈشىنىشى يەنە باشقىچە. ئۇيغۇر زىيالىسى ئابلىمىت ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا ئىلگىرىلەش بولۇشىغا پۈتۈنلەي ئۈمىدسىز قارىغۇچىلاردىندۇر. ئۇ بۇ نۇقتىدا، ۋاڭ لېچۈەننىڭ "3 خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش ھايات - ماماتلىق كۈرەشتۇر" دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

ئابلىمىت ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىدا قىسمەن ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى، ئەمما بۇنى تەرەققىيات دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي مىللىتى ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە سېلىشتۇرسا، ئۇيغۇر تۇرمۇشىدا زور چېكىنىش بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.