ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇرلار جىنسىي ۋە مىللىي كەمسىتىلىشكە ئۇچرىماقتا

ھازىر پۈتكۈل خىتاي جەمئىيىتىدە جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئىدارە ‏- ئورگانلاردا پارىخورلۇقنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى ئىنتايىن تونۇشلۇق بىر مەسىلە بولۇپ قالدى، ھەتتا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىگە ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈشنى ۋەزىپە قىلغان قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىمۇ بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.05.15
Qeshqer-pidagogika-hojjet-34-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ، ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ.
RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

بۇ مەكتەپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىنكاسلارغا ئاساسەن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن مەزكۇر مەكتەپ كادىرلار قاتلىمىدا پارىخورلۇقتىن باشقا، ئۇيغۇر ھەمدە ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى مىللىي ھەمدە جىنسىي جەھەتتىن كەمسىتىدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە ئېغىر دەخلى تەرز يەتكۈزۈۋاتقان تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ئاشكارلاندى. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىزنى يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

يېقىندا قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئۆز تور بېتىدە بۇ يىل جەمئىيەتتىن 34 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلانىنى چاپلىدى،ئەلۋەتتە بۇ قەشقەردە مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغۇچى ياشلار ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەتنى قوزغايدىغان خۇشخەۋەر، ھالبۇكى مەزكۇر ئېلاندا قوبۇل قىلىدىغانلارنىڭ قايسى كەسىپىكە، قايسى مىللەتتىن، قانداق جىنسلىق كىشى قوبۇل قىلىدىغىنى ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىكەن. مانا بۇ ئېلاننىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر ئېلىدە ياشلارنىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا جىنسىي ۋە مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە، بىزنىڭ يەنە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئىگىلىشىمىزگە يول ئاچتى.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ مەكتەپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئېلان چىقارغان، ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن ئالىي مەكتەپلەرنى يېڭى پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن ھەمدە سىناق ۋاقتىنى بىر يىل بېكىتكەن. ئەپسۇس بىر يېرىم يىل بولغاندا يەنى 2008  - يىلى - 1 ئايدا تۇيۇقسىز ھۆججەت چۈشۈرۈپ 17 نەپىرىنىڭ سىناقتا لاياقەتسىز بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنى ئىشتىن بوشاتقان، بۇ 17 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىككىسى خىتاي بولغاندىن باشقا، قالغان 15 ى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار.

شۇ قېتىم ئىشتىن بوشىتىلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قانچىسىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلغىنىمىزدا، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى توختامغا، ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئىشتىن بوشاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق تۆلەم تۆلىمىگەنلىكى ھەم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاينىڭ ئەمگەك قانۇنىدا "سىناق ئىشلىتىش بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئەگەر ئىشچى‏- خىزمەتچىلەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغاندا خىزمەت تەڭشەش كېرەك، تەڭشىگەندىن كېيىنكى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغاندا ئاندىن ئىشتىن بوشىتىشقا بولىدۇ " دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمما پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى بۇ 15 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرىگىمۇ ئۇنداق پۇرسەت بەرمىگەن ھەم سىناق مۇددىتىدىن يېرىم يىل ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئوخشاشلا ئۇلارنى دەرس ئۆتۈشتىن توختاتقان.

بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئىشقا ئېلىنغاندىن تارتىپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تاپشۇرغان. ئەمگەك قانۇنىدا ئىشچى‏- خىزمەتچى ئىشتىن بوشىتىلغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمما قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى 17 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن بوشىتىش توغرىسىدا ھۆججەت چۈشۈرۈپ بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلغىچە 25 كۈن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇزۇن مەزگىلگىچە بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا دائىر رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بەرمىگەن.

تۇيۇقسىز ئىشتىن قالغان 15 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى روھىي جەھەتتىكى زەربىدىن باشقا، كىرىم مەنبەسى ئۈزۈلۈپ ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچار بولغان. ھەتتا ھازىرغا قەدەر بەزىلىرى يېڭىدىن خىزمەتكە ئېرىشەلمىگەن بولۇپ. قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىن ھەيدىلىش تارىخى ئۇلارنىڭ قايتا ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىدە ھازىرغا قەدەر چوڭ توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقان ئىكەن.

بۇلاردىنمۇ ئېغىر مەسىلە شۇكى، ئىشتىن بوشىتىلغان 15 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچىدە ئاينۇر، بۇئايشەم ۋە   ھەمراگۈل قاتارلىق ئۈچ ئوقۇتقۇچى ئىشتىن بوشىتىلغان چاغدا ھامىلدار بولۇپ، بۇئايشەمنىڭ بوشىنىدىغىنىغا ئىككى ئايلا قالغان ئىكەن. ئېچىنارلىقى بولار مەكتەپتىن ئىشتىن قالغاندىن كېيىن ئاينۇر بىلەن ھەمراگۈل ھامىلىسىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.

بۇلار ئالىي مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن، ئىنتايىن ئۈمىدۋار، غايىلىك ياشلار ئىدى، شۇ ئىشتىن بوشۇتۇلۇش ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىلا ئەمەس، روھىيىتىگىمۇ ئېغىر زەخمەت يەتكۈزدى. بۇ ئەھۋاللارنى ئاينۇر بىلەن ھەمراگۈل بىزگە تەپسىلى سۆلەپ بەردى.

خىتاينىڭ ئەمگەك قانۇنىدا ئىشچى ‏- خىزمەتچىلەرنى ئېغىر ئاياغ مەزگىلىدە ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلىدە ئىشتىن بوشاتماسلىق ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمىلەر بار، بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ھامىلدار مەزگىلىدە ئىشتىن بوشىتىلىشى خىتاينىڭ مۇناسىپ قانۇنلىرىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

قانۇنىي ھەم ئىنسانىي ھەق ‏- ھوقۇقلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بۇ 15 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ھازىرغا قەدەر ئۆز ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھەتتا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ خەت ساندۇقىغىچە ئەرزىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ھېچبىر نەتىجىسى بولماي كەلمەكتە ئىكەن.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.