تۈركىيە تېلىۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

2009 ‏ - يىلى 6 ‏ - ئاينىڭ 14 ‏ - كۈنى تۈركىيىنىڭ TVNET تېلىۋىزىيىسىنىڭ "يەر يۈزى نوتلارى" پروگراممىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ پروگراممىغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏ - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوچانت دوكتۇر ئەركىن ئەمەت ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

0:00 / 0:00

2 سائەت داۋام قىلغان بۇ پروگراممىغا TVNET تېلىۋىزىيىسىنىڭ خادىمى يۈسۈپ ئارماغان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ پروگرامما سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

TVNET تېلىۋىزىيىسى يېڭى شافاق گېزىتىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان تېلېۋىزىيە قاناللاردىن بىرى دەپ قارالماقتا.

دوچانت دوكتۇر ئەركىن ئەمەت ئەپەندى پروگرامما رىياسەتچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەركىن ئەمەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى رولى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قىيىنچىلىقلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىملىياتسىيە قىلىش سىياسىتى، ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كېلىشىدىكى ئاساسى سەۋەبلەر، رابىيە قادىر خانىمنىڭ چەتئەلگە چىقىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر پەللە يوقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلدى.

پروگرامما جەرياندا، TVNET تېلىۋىزىيىسى مۇخبىرىنىڭ ئىستانبۇل كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ خەلق ئاممىسىدىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەنلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاتتى. بەزى كىشىلەر ئۇ يەردە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بار، ئۇلار مۇسۇلمان خەلق، خىتايلار تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن.

كۆپىنچە كىشىلەر ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركسىتاننى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بولسىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئۇ يەرنى بىلمەيمەن، مەلۇماتىم يوق، دەپ جاۋاب بەرگەن، بىر ياش تۈرك بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قول ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھادىسىلىرىنى بىلىمەن، ئۇلار پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردە زۇلۇم ‏ - ئىسكەنجىگە ئۇچراۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە كەلگۈسىدە يەنى، قاچان خىتايغا دېموكراتىيە كەلسە شۇ چاغدا ئۇلارغا ھەق ‏ - ھوقۇق بېرىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.

يەنە بىر كىشى مۇنداق دېدى: ئۇ يەردە خىتاي بېسىمى ئاستىدا قالغان مۇسۇلمان تۈركلەر بار، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كەتتى، بىر قىسىملىرى تۈركىيىدە ياشاۋاتىدۇ.

باشقا بىر كىشى مۇنداق دېدى: مەن ئۇلارنى بىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلىمەن، ئەمما ئېنىق بىر مەلۇمات يوق.

يەنە بىر ياش مۇنداق دېدى: ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە يىللاردىن بىرى زۇلۇم سىياسىتى ئىجرا قىلىنماقتا، يەنى ھامىلە ئاياللارنىڭ بۇۋاقلىرى ئىسكەنجە قىلىنىش ئارقىلىق قورسىقىدىن ئېلىنىۋاتىدۇ. پۈتكۈل دېموكراتىيە ھەقلىرى چەكلەنگەن ۋەزىيەتتە ۋە ئۇ يەردىكى دىنى ھەق - ھوقۇقلىرى يوق ئېتىلگەن ئەھۋالدا، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركچە ئاتالغۇلار يوق ئېتىلمەكتە ۋە دۇنيانىڭ كۈز ئالدىدا بىر ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئىجرا قىلىنماقتا.

پروگرامما جەريانىدا يەنە TVNET تېلىۋىزىيىسى مۇخبىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل چىنگىز ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەت پروگراممىسى قوشۇمچە قىلىپ تېلېۋىزىيە كۆرگۈچىلەرگە تەقدىم قىلىندى.

ھامۇت كۆكتۈرك مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە قەشقەر شەھىرى يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان كۇلتۈر پايتەختىمىز مەھمۇت قەشقىرىنىڭ شەھىرى، تۈنجى مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتى قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى بولغان قەشقەر بۈگۈن تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈلۈش تەھدىتىگە دۈچ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرك ‏كۇلتۈر ‏ - مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان شەھەرنى چېقىپ ئورنىغا يېڭى بىنا سېلىشنى قارار قىلماقتا. دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز ۋەزىيەتتە قالغان پۈتكۈل ئۇيغۇرلار بۇ شەھەرنىڭ چېقىلىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشچە تىرىشچانلىق قىلىپ كەلمەكتە.

ھامۇت كۆكتۈرك يەنە مۇنداق دېدى: تۈركچە ئولىمپىياتقا ئاساس سالغان، تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن قىممەتلىك ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ يۇرتى قەشقەردە ئۇيغۇرلار ئۆز تىلى بولغان ئۇيغۇر ‏ - تۈرك تىلىدا سۆزلىشەلمەيۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى يوق ئېتىلىش خەۋپىگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئىنسانلار تۈرك، ئىسلام ۋە دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەر قوشقان مىللەتتۇر. ئىنسانىيەت تارىخىغا بۈيۈك ھەدىيەلەر بەرگەن خەلق. شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان 30 مىليون تۈرك مۇسۇلمان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەڭ پەخىرلىك بىر خەلقىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئاستا ‏ - ئاستا يوق ئېتىلىشى ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشى خۇسۇسەن، تارىخىمىز، دىنىمىز، تىلىمىز، ھەر شەيئىمىز بىر بولغان تۈرك خەلقىنىڭ بۇ ۋەقەگە نىسبەتەن سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىملياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ تىزلىتىشى بىزنى بىئارام قىلماقتا.

پروگرامما جەريانىدا يەنە مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر ناخشىچى كۈرەش كۈسەننىڭ رابىيە قادىرخانىمنى مەدھىيىلەپ ئوقۇغان ناخشىسى كۆرسىتىلدى.

پروگرامما ئاخىرىدا ئەركىن ئەمەت ئەپەندى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، شۇنداقلا مۇشۇ ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنى خىتايغا رەسمىي زىيارەتكە بارماقچى بولغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاگۈلگە خىتاب قىلىپ، خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى چاقىرىق قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.