ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

دۇنيا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق مەلۇماتلار ئورۇن ئالماقتا.

0:00 / 0:00


يېقىندا «يېڭى شەرق ئوبزورى» ژۇرنىلىدا بېسىلغان يۇلىيا چمېلېنكونىڭ «يېقىن شەرق دولقۇنلىرى خىتايغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟» ھەم «ئېۋراسىيانېت» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان مەركىزىي ئاسىيا، كاۋكاز ۋە يېقىن شەرق مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىس دژوشۇئا كۇچېرانىڭ «خىتاي مەركىزىي ئاسىيادا قانداق مەقسەتلەرنى كۆزلەيدۇ؟» ناملىق ماقالىلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ پىكىرلەر بېرىلگەن.

«يېقىن شەرق دولقۇنلىرى خىتايغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟» دېگەن ماقالىدە خىتاينىڭ تىبەتتىكى ئۆز مەۋقەسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە بۇ ئەلدە خىتاي مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىنى تېخىمۇ سىڭدۈرۈش، تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش، تىبەتنى ئاساسىي كىرىمىدىن، يەنى ساياھەت سودىسىدىن مەرھۇم قىلىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقانلىقى، ئامما بۇنىڭ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۆزىگە ئۆزى زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە چوڭ مەسىلىلەر ئالدىدا تۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالە ئاپتورى مۇتەخەسسسىلەرنىڭ تەخمىنلىرىگە تايانغان ھالدا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا پات يېقىندا تۆۋەنلەش ئەھۋالى يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ي. چمېلېنكو خىتاينىڭ ئەنە شۇنداق ئىقتىسادىي كرىزىس ئالدىدا تىبەتكە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىشىنى توسۇغانلىقىنىڭ، بىرىنچى نوۋەتتە تىبەتنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى چەتئەللىك ساياھەت كومپانىيىلىرىنىڭمۇ بۇنىڭدىن زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. شۇ سەۋەبتىن تىبەتتە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتلەر بارا - بارا كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شۇنى ئېيتىش كېرەككى، تىبەت سىنارىيىسى بويىچە تەرتىپسىزلىكلەر شۇ جۈملىدىن خىتاينىڭ غەربىي قىسمىغا ئورۇنلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ يۈز بېرىشكە باشلىدى. بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ - قارشىلىقلار كۈچەيمەكتە. ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ ئاساسى مەقسىتى - خىتايدىن بۆلۈنۈش ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇش.»

ماقالە ئاپتورى شۇنداقلا، ئەگەر خىتاي تىبەتكە يەنىمۇ شۇنداق بېسىم كۆرسەتسە، ئۇ ۋاقىتتا نۆۋەتتىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ۋە مەملىكەتتىكى ئىقتىسادى شارائىتنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن بىللە باشقا رايونلارنىڭمۇ تىبەتكە ئەگىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئەمدى د. كۇچېرانىڭ «خىتاي مەركىزىي ئاسىيادا قانداق مەقسەتلەرنى كۆزلەيدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە مەركىزىي ئاسىيا ۋەزىيىتى بېۋاسىتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال بىلەن بىر مەۋقەدە قارالغان. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادا تۇرۇبىلار ۋە ھەر خىل ئوبيېكتلار سېلىپ، شۇنداقلا دىپلوماتىيىلىك ۋە مەدەنىي ئالاقىلەر ئورنىتىپ، ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. «شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، - دەپ يازىدۇ ئاپتور، - بېيجىڭ تەكەببۇرلۇق سىياسىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، رايوندا خىتاينىڭ چوڭ مىللىتى - خەن خەلقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يەرلىك ئاھالە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوزغالغان مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي رەۋىشتە بېسىقتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن چېگرىداش تەشۋىشلىك شىنجاڭ ئۈستىدىكى ئۆز نازارىتىنى كۈچەيتمەكتە».

د.كۇچېرا خىتاينىڭ غەرب سىياسىتىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنى چۈشىنىشنىڭ ئوڭاي ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ، ئالىملار ۋە ئانالىزچىلارنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىككى مەۋقەدە تۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن مەركىزىي ئاسىيانى ئىقتىسادى جەھەتتىن بېسىۋېلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانماقتا ياكى ئىككىنچىدىن، بېيجىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ قالغان يېرىگە تېخىمۇ باغلاۋېلىش مەقسىتىدە مەركىزىي ئاسىيا بىلەن ئالاقىلىرىنى مۇستەھكەملىمەكتە. ماقالە ئاپتورى خىتاينىڭ، بولۇپمۇ سابىق ئوتتۇرا ئاسىيا سۆۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ئالاقىلىرىنىڭ شۇنداقلا بۇ مەملىكەتلەردىكى ترانسپورت يوللىرىنى يېڭىلاش، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىغا مەبلەغ سېلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرىز بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ۋە باشقىمۇ لايىھەلىرىنىڭ نېمە مەقسەتنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.