0:00 / 0:00
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن "خەلقئارا تىنچلىق كۈنى" گە بېغىشلىغان نۇتقىدىمۇ، پۈتۈن دۇنيا ياشلىرىنى ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل خادىمى مەمەت توختى ئەپەندى "خەلقئارا تىنچلىق كۈنى" مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىنچلىقىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن!" دەپ مۇراجىئەت قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.