ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتسىيلىكلەرنىڭ سىرلىق مۇناسىۋىتى

دۇنياغا تونۇلغان تۇركولوگ گۇننار ياررىڭ " ئۇيغۇرلار بىلەن شۋېتلارنىڭ تارىخى مۇناسىۋىتى" دېگەن ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتسىيىلىكلەر ئوتتۇرسىدىكى تارىخى مۇناسىۋەت ھەققىدە توختىلىپ" : شىمالىي ياۋرۇپادىكى كىچىك بىر دۆلەت بىلەن جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئۇزاققىچە بىكىنمە ھالەتتە تۇرغان چوڭ بىر رايوننىڭ ئوتتۇرسىدا ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ بولۇشى كىشىلەرنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن، بىراق بۇ بىر تارىخى رىئاللىق. بۇ خىل مۇناسىۋەتلەر ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇشتىن خېلى بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى " دەيدۇ.

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيە ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئەڭ بالدۇر يەتكەن زېمىنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ ئەجداتلىرى بىلەن تارىخى مۇناسىۋەتتە بولغان بۇ دۆلەتتە 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ. شىۋېتسىيىنىڭ مول مۇزىي، ئارخىپخانىلىرىدا ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتېرىياللار ساقلىنىپ يېتىپتۇ. تەتقىقاتچىلار ۋە مىسسيونىر يازغۇچىلار تەرىپىدىن يېىزىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كىتابلار دۆلەتلىك كىتابخانىلاردا تىزىقلىق تۇرۇپتۇ.

بۇلاردىن بىز ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتلارنىڭ بولۇپمۇ، شىۋېتلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلانغان قەشقەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئاجايىپ بىر باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. شىۋېتسىيىلىك بىلىم ئىگىلىرىدىن گوستاۋ راكېت، سۈېن ھېدېن،گۇننار ياررىڭ ۋە بىر قىسىم يۇقىرى بىلىم ئالغان شىۋېت مىسسيونىرلىرىنىڭ قەشقەرنى مەركەز قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى بۇ باغلىنىشلاردىن مۇستەسنا بولمىسا كېرەك.

قەشقەر بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش

گۇننار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان قوليازمىلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچى گۈنىللا تۆرىنۋال "شىۋېتسىيىلىكلەرنىڭ شەرقى تۇركىستان قول يازمىلىرىغا بولغان ياردىمى" دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ "شىۋېتسىيە بىلەن شەرقى تۇركىستاننىڭ ئارىسىدا ئادەم ئىشەنگىلى بولمايدىغان بىر خىل باغلىنىش بار، بۇ بولسىمۇ شىۋېتلارنىڭ ئەجدادى شەرقى تۇركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەردىن كەلگەن دەپ قاراشتۇر".

گۈنىللا تۈرۋال ماقالىسىدە بۇ خىل قاراشنىڭ تارىخ يىلتىزىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ. ئەسلىدە بۇ چۈشەنچە فرانسىيىلىك تارىخشۇناش پېتىس دېلا كروكىسنىڭ "چىڭگىزخاننىڭ تارىخى " دېگەن كىتابىدا بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇنى 17 - ئەسىردە ياشىغان شىۋېتسىيىلىك شەرىقشۇناس يوھان گابېرىل سىپارۋېنفېلدنىڭ ئاغىزاكى بايانىدىن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

تارىخىي رىۋايەت ۋە پاكىت

كىتابقا يەنە بىر رىۋايەت قىستۇرما قىلىنغان: "يىراق مەركىزى ئاسىيادا گېتېر دەپ ئاتىلىدىغان بىر خەلق بولۇپ، ئۇلار گۆتلار بىلەن ئوخشاشتۇر، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا قەشقەرنى مەركەز قىلغان بولۇپ، قەشقەر ئۆز زامانىسىدىكى خاسگارد ۋە ئاسگارد بىلەن ئوخشاشتۇر. شىۋېتلارنىڭ قەدىمىي ئۇرۇش ئىلاھى ئاتالغان ئودېن دەل شۇ يەردىن بىر تۈركۈم تۈركى خەلقىنى باشلاپ سكاندىياۋېيە خەلقلىرىنىڭ يىلتىزى بولغان ئېسلاندىيىگە يىتىپ كەلگەن. ئودېن مەركىزى ئاسىيادىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ يەنە ئاسىيالىق ئادەم دەپمۇ ئاتالغان."

ئاپتورنىڭ قارىشچە، ئودېن مەيلى قەشقەردىن كەلگەن بولسۇن ياكى كەلمىگەن بولسۇن، ئەمما ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇندىن خېلى بۇرۇنلا يەنى 17 - ئەسىرىدىن باشلاپلا باشلانغانلىقى بىر تارىخى پاكىت ئىكەن.

لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسىسورى سېۋېن لاگېربرىڭ 1764 - يىلى بىر پارچە ماقالە ئىلان قىلىپ، شىۋېت تىلى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلىدا مۇئەييەن ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ۋە شىۋېتلارنىڭ خۇداسى ئاتالغان ئودېن ئاسىيادىن يولغا چىققاندا ئۆزى بىلەن بىرگە تۈركى تىللىرىنىڭ بىر قىسم قەدىمىي سۆزلىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ سۆزلەرنىڭ كېيىنكى دەۋىرلەردە سكاندىناۋىيە مىللەتلىرىنىڭ تىلىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەلۇم تەسىرىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ، شىۋېتلار قەشقەردىن كەلگەن بىر تۈركۈم تۈركى خەلقلەر بىلەن ئىسلاندىيىدىكى خېرۋارار - ساگانلارنىڭ ئارىلاشمىدىن پەيدا بولغان دېگەن بۇ قاراشنىڭ ئىلمىيلىقىغا قارىتا بىر ئاساس پەيدا قىلىدۇ.

گەرچە بۇ قاراشلار ئىلىم ساھاسىدە ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما شېۋېتسىيىلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى رىئال مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلىقىنى، يەنە كىلىپ بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا خېلى بالدۇرلا باشلانغانلىقىنى تارىخى پاكىتلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

بۇ ھەقتە توختالغان گۇننار ياررىڭ مۇنداق دەيدۇ: " بىز قەدىمقى سكاندىياۋىينىڭ ئىېپوسلار دەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان شىۋېتسىيە بىلەن مەركىزى ئاسىيانىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر قاينىمىدىن ئويغىنىپ رىئاللىققا قايتىپ كەلگىنىمىزدە، شىۋېتسىيە بىلەن مەركىزى ئاسىيانىڭ رېئال تارىخى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شىۋېتسىيە يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئاپەتلىك يىللاردا باشلانغانلىقىنى كۆرىمىز.