بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدىن ھەر خىل كەسىپ ۋە ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ يول ئىزدەپ غەرب دۆلەتلەرگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىدى.
سىياسى پاناھلىق تىلەش ئولتۇراقلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى
ھەر خىل ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن چەتئەلگە مۇساپىر بولۇپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ياشاپ قېلىشنى خالىغان دۆلەتلەردە دۇچ كېلىدىغان بىرىنچى مەسىلە سىياسى پاناھلىق تىلەش مەسىلىسىدىن ئىبارەت.
بۇنداق دېگەنلىك سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچى ئۆزىنىڭ پاناھلىق تىلەشتىكى سەۋەبلىرىنى بايان قىلىشى يەنى ئۆز ئانا ۋەتىنىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىبارغا ئېلىنمىغان،قوغداشقا ئېرىشەلمىگەن ھەق - ھوقۇقلىرى ھەققىدە ئەر - شىكايەت قىلىشى سىياسى پاناھلىق تىلەشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇپ نەتىجىدە مەزكۇر كىشى ھەق - ھوقۇقلىرى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان ئومۇمى بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قارىلىپ سىياسى پاناھلىق تىلەش شەرتلىرىگە تۇللۇق چۈشكەن بولسىلا شۇ دۆلەتتە ياشاش ۋە مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش سالاھىتىگە ئېرىشىدۇ.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى سىياسى پاناھلىق تىلەش جەريانىدا قايسى مەسىلىلەرنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىپ تىلغا ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئىشىگىم كۆۋرۈكتىن ئۆتتى
ھۆكۈمەتنىڭ چەتئەللىك كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە موسۇل ھەر قايسى ئورگانلىرى بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىق ئۇچرىشىش ۋە بىر مەزگىللىك كۈتۈشلەردىن كېيىن شۇ دۆلەتتە قانۇنلۇق ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئىشلەش ھاياتىنى باشلىۋېتىدىغان بولۇپ شۇ دۆلەتنىڭ يەرلىك پۇقراسى قاتارىدا خاتىرجەم ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.
سىياسى پاناھلىققا ئېرىشىپ غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەت توپى شەكىللەنگەن بولۇپ ئۇلار تۈرلۈك سىياسى پائالىيەتلەرنى بىللە ئېلىپ بارغاندىن باشقا توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراق،ھېيت - ئايەم، نورۇز ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ۋە ئۆرۈپ - ئادەت تۈسىنى ئالغان بارلىق پائالىيەتلەردە ئۆز - ئارا ئۇچرىشىپ،بىر - بىرىنى يوقلۇشۇپ تۇرىدۇ.
ئورتاق بولغان ۋەتەنسىزلىك دەردى ۋە ئوخشاش تەقدىر چەتئەللەردىكى خېلى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنى سىياسى، دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنى بىللە ئۆتكۈزۈپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان ھەق - ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر ئارىغا تەبىئىي ھالدا جەم قىلغان بولسىمۇ لېكىن سىياسى پاناھلىق تىلەش جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن قىلغان شىكايەتلىرىدىن ئولتۇرۇمغا ئېرىشكەندىن كېيىن تېزلىك بىلەن يېنىۋېلىپ جاھاندارچىلىق كوچىسىغا كىرىۋالغان " ئىشىگىم كۆۋرۈكتىن ئۆتتى توقۇمى نەزىر " دەپ پەش قېقىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر توپى شەكىللىنىشكە باشلىدى.
پەرھات ياقۇپ ئەپەندى بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ سىياسى پاناھلىق تىلەشتىكى ھەقىقى مەقسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پەقەت ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي پايدا - مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ياشاش يولىغا كىرىۋالغان بۇ بىر قىسىم كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىراقتىن كونترول قىلىشىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىپ يۇۋاش پۇقرا بولۇش يولىنى تاللىۋالغان بولغاچقا ئۆزى ياشاۋاتقان دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى قانۇن - تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىدىن تامامەن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يوللۇق يوسۇندا كۈرەش قىلىشتىن تامامەن باش تارتقان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىنسانىيەتسىز قىلمىشىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە، بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىۋېلىشتەك ئۆزلىرىگە باش ئاغرىقى تېپىپ ئالمايدىغان ئەپچىل يولنى تاللىۋالغان.
مۇشۇ تۈپەيلىدىن ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە ئۆز مەنپەئەتىگە باغلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك پايدىلىرىغا ۋە خالىغان بىر پەيتتە ۋەتەنگە بېرىپ كېلىشىگە خىتاي ئەلچىخانىلىرىنى تولۇق كاپالەت بېرەلەيدىغان ئالاھىدە ئورۇن قىلىپ تاللىۋالغان.
ئۆز ۋەتىنىنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەرز - دادىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۇقىرىقىدەك ئۆز مەنپەئەتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالغان بىر تۈركۈم مەنپەئەتپەرەس كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى ئارىسىدا بۇرۇندىنلا زور غۇلغۇلىنىڭ چىقىشىغا سەۋەپ بولىۋاتقان ئامىلدۇر. بۇ مەسىلىدە پەقەت ھەر كىم ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا قۇلاق سېلىپ، ئىنسانىي بۇرچىنى تونۇپ يەتكەندىلا يۇۋاش پۇقرا بولۇپ ياشاۋېرىشنىڭ ئەجەللىك ئاقىۋىتى ۋە بۇنىڭ ئۆز خەلقى ئالدىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يېتەلىشى مۇمكىن.