ئۇيغۇرلار زاكاتتىن ئىبارەت مۇشۇ پەرز سايىسىدا كەمبەغەللەرگە ياردەم قولىنى سوزۇشنى دىنىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەت دەپ تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ.
زاكات - مۇسۇلمانلارغا نامازدىن كېيىنلا بۇيرۇلغان پەرز ۋە مۇھىم ئىجتىمائىي ئىبادەتتۇر. قۇرئان كەرىمدە: "نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قىلغان قانداقلا ياخشى ئەمەلىڭلار بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر" دەپ كۆرسەتكەن.
ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇللا ھاجىم زاكات بېرىش ئۆلچىمى ۋە مىقدارى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:" مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسى بۇيىچە، ئۆزى ۋە پۈتۈن ئائىلە ئېھتىياجىدىن تاشقىرى 85 گرام ئالتۇن كەلگۈدەك پۇل - مېلى بولغان كىشىنىڭ يىلدا بىر قېتىم زاكات ئايرىشى پەرزدۇر. ئالتۇن، كۈمۈش، خەلق پۇلى، تىجارەت مېلى قاتارلىقلاردىن بۇلارغا ئىگە بولغانغا تولۇق بىر يىل تولۇش شەرتى بىلەن % 2.5 ئى زاكاتقا بېرىلىدۇ. ئەمما ئاشلىق، مېۋە ۋە سەي - كۆكتاتلاردىن % 10 ئى زاكاتقا بېرىلىدۇ. بۇ ئۆشرە - خىراج دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆشرە - خىراج ھوسۇل ئالغان ۋاقتىدا ئادا قىلىنىدۇ."
زاكات بېرىشنىڭ ئومۇمغا بولغان پايدىسى كۆپ
ئابدۇللا ھاجىم زاكات بېرىشنىڭ جەمئىيەت كىشىلىرىگە بولغان پايدىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:" زاكات - بىر - بىرى بىلەن ياردەملىشىدىغان بىر - بىرىنى سۆيىدىغان ئادالەتلىك، شەپقەتلىك بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئامىلىدۇر. چۈنكى، زاكات بايلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن جەمئىيەتتىكى پېقىرلارنىڭ ھالىنى ياخشىلىغانلىقى سەۋەبى بىلەن پېقىرلارنىڭ كۈڭۈللىرىدىكى بايلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك ۋە كۆرەلمەسلىك تۇيغۇلىرىنى يېڭىپ، بايلار بىلەن پېقىرلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز - ئارا سۆيگۈ ۋە ھەمكارلىقنى پەيدا قىلىش ۋە دىنىي قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەختلىك ھايات سۈرۈشىگە كېپىللىك قىلىدىغان بىر ئېسىل ئىبادەتتۇر."
زاكات كەمبەغەللەرنىڭ ھەققىدۇر
ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسۇلمانلار زاكاتلىرىنى قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنۇ ئايىتىدە كۆرسىتىلگەن مەخسۇس كىشىلەرگە بېرىدۇ. زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىشكە مۇناسىپ ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىنغان:" زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە( يەنى تۇرۇشقا جايىمۇ يوق كىشىلەرگە)، زاكات خادىملىرىغا، كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازات قىلىشقا، قەرىزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا ۋە ئىبن سەبىلەرگە( يەنى پۇلىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا) بېرىلىدۇ."
زاكات ئىشلەپچىقىرىشقا توسقۇن ئەمەس
ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھالال رىزىق تېپىش يولىدا ئىشلەش ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئەمەللەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە مۆتىۋەر ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇيرىغان زاكات، ھەج، ئىلىم تەھسىل قىلىش قاتارلىق ئىقتىساد بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەردىن باشقا، پەرزلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىنساننىڭ تەن ساقلىقى ۋە بەدەننىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى تەلەپ قىلىنىدۇ. مەلۇمكى، تەن ساغلاملىقىنى ۋە بەدەننىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاش ئىشى كۈندىلىك كېرەكلىك يېمەك - ئىچمەكلەرنى تەمىنلەيدىغان ئىقتىسادقا مۇھتاج. ئىقتىساد پەقەت ئىشلەش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ئىشلەش تەرەققى قىلىشنىڭ ئالدىنقى ئامىلى. شۇڭىمۇ قۇرئان كەرىم پۇل - مال تېپىش ئۈچۈن ئىشلەشنى ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىبادەت دائىرىسىدىن ساناپ مۇنداق دېگەن: "ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنگە تارقىلىپ (ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ) ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىڭلار."