بىڭتۇەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان تەشەببۇسلاردا بىڭتۇەننىڭ كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇر رايونىنى قوغداۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزى بەگ، ئۆزى خان بولۇپ چىرىكلىك بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان بىر يەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ئىدى.
ئەمما ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەشۋىقاتلاردا خىتاي دائىرىلىرى بىڭتۇەننىڭ ئەھمىيتىنى قايتىدىن تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
بۇ ھەقتە نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىگىمۇ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئۆمۈر بويى بىڭتۇەندە ئىشلىگەن بىر خىتاي بوۋاينىڭ خاتىرىلىرىگە يەر بېرىلگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئېرشات ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ بىڭتۇەن ھەققىدىكى بەزى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.