كۆپ مەزمۇنلۇق كۆرۈنۈشلەر
13 - ئاۋغۇست كۈنى كەچ سائەت 9:30دا، باۋارىيە شتاتىنىڭ بىرىنچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بولغان ب ر قانىلى، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىگە سۇندى. فىلىمدا د ئۇ ق باش شىتابىنىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ۋە ھەر خىل مىللىي چاقىرىقلار بىلەن بېزەلگەن كۆرۈنۈشى، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىدىن مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا، ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت قاتارلىق مىيۇنخېندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار زىيارەت ئوبېكتى قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىپ بارغان نامايىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى فىلىم ئارىسىغا كۆپلەپ قىستۇرۇپ ئۆتۈلگەن.
بۇ فىلىمدا يەنە، باۋارىيە شتاتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھېرمان (جوئاچىم ھېررمانن) ئەپەندى، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى باۋارىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مارگارېتې باۋزﯤ (مارگارەتە بائۇسە) خانىم ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس (ئۇلرەچ دەلىئۇس) ئەپەندىلەرمۇ زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پىكىرلىرىگە يەر بېرىلگەن. قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ فىلىم د ئۇ ق باش شىتابى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ باۋارىيە تېلېۋىزىيە قانىلىدا تۇنجى قېتىم مەخسۇس تونۇشتۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
قەشقەر ۋەقەسىگە باھا
فىلىمدا 4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىدىن كېيىن، قەشقەردە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەربىي ھالەت تۈسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يەردە مۇستەقىلچى ئۇيغۇرلارنىڭ 16 نەپەر خىتاي ساقچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە 16 نەپىرىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ھەر يېرىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى دىكتورنىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلغان.
مەزكۇر فىلىمدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قايسى دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن گېرمانىيىلىك تۈرك زىيالىيسى ئىسكەندەر ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە بۇ خىلدىكى قارشىلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى، پۈتكۈل تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۈركلەر كەبى ھۆر ياشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.
خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىكى
فىلىمدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دەھشەتلىك باستۇرۇشلار ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلىنغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ئەتراپلىق ئىزاھلانغان. مەسىلەن؛ د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، بۇ فىلىمدا خىتاينىڭ قۇرۇلتاي خادىملىرىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىغا داۋاملىق ۋىرۇسلار ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرلىرىنى كېرەكتىن چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن.
يېشىللار پارتىيىسى باۋارىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مارگارېتې باۋزﯤ خانىم بولسا، خىتاينىڭ د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كونسۇللىرىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ بۇندىن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى، خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلى ياڭ فامىلىلىك خىتاينى سوتقا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. قۇرۇلتاي ئىچكىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى جەم قىلىشىغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقان ۋە ئاتا - ئانىسىغا تۈرلۈك بېسىملارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
خىتاينىڭ تۆھمىتى
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى، خىتاينىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ھەتتا چەتئەللەرگە قەدەر كېڭەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىنىمۇ تېررورچىلىققا باغلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ھېچبىر دەلىل كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى شەرھىيىلىگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ تېررور بىلەن ئالاقىسى يوق
باۋارىيە شتاتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھېرمان ئەپەندى بولسا، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررور بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر گېرمانىيە قانۇنىغا يات ھېچقانداق بىر پائالىيىتى كۆزگە چېلىقمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئاڭلىق ئادا قىلىۋاتقان مەدەنىي بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بۇ قىسقا فىلىم ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئومۇمەن خىتاي زۇلمى، خىتاي تۆھمىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ ھەقلىق بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.