مەمەت توختى : ئۇيغۇرلار ب د ت نىڭ بېكىتكەن يەرلىك مىللەت بولۇش شەرتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھازىرلىغان

خىتاي ھۆكۈمىتى 2007 يىلى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن ماقۇللانغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى باياناتنامىنىڭ ماقۇللىنىشىغا ئىمزا ئاتقان دۆلەتنىڭ بىرى،ئۇنداقتا خىتاينىڭ بۇنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتى بارمۇ يوق ؟ قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىغاندا مەزكۇر خەلقئارالىق نىزام تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان يەرلىك مىللەت سانىلىدۇ ؟ ئۇيغۇرلار يەرلىك مىللەت كاتېگورىيىسىگە كىرەمدۇ - يوق ؟ ئۇيغۇرلار بۇ خەلقئارالىق نىزامدا كۆرسىتىلگەن قايسى خىل ھەق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالماقتا ؟

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى مەزمۇنلىرى مانا مۇشۇ نۇقتىلاردا داۋام ئېتىدۇ.