ئۇيغۇرلار يۈرەك سۆزلىرىنى كىمگە دەۋاتىدۇ ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل قانلىق ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى رادىئو ‏ - تېلېۋىزورلاردا سۆزلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىغا دۇنيانى ئىشەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي يۈرەك سۆزلىرىمۇ؟ ئۇيغۇرلار رادىئو - تېلېۋىزورلاردا ئۆزلۈكىدىن مۇشۇنداق سۆزلەۋاتامدۇ ؟ خىتاينىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلىرى كىشىلەرنى ئويغا سالماقتا. بىز چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كامېراسى ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك سادالىرىغا قۇلاق سېلىپ باقايلى.

7 - ئىيۇل كۈنى چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچىگە كىرگەندىن كېيىن چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئۆز يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە نىسبەتەن نارازىلىقىنى مۇنداق بايان قىلدى.

ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بىر ئۇيغۇر ئايال ساقچىلارنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ھۆكۈمەتنىڭ تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا يارىلانغان خىتاي پۇقرالىرىنى كۆرسىتىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كالتىكى ئاستىدا ئۆلگەن يارىلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەنلىكىگە نارازى بولغان بىر ئۇيغۇر بوۋاي ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل بىر تەرەپلىمە خەۋىرىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوختۇرخانىدا، ئەنگىلىيە ب ب س رادىيوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال ئېرىنىڭ ئىشقا كېتىۋاتقىنىدا خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلۇپ پۇت، قوللىرى چېقىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان مەسچىتلەرنى بۇزۇپ چېقىشىغا سۈكۈت قىلىشىغا نارازى بولغان بىر ئۇيغۇر ئايال ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، بۇنداق كېتىۋەرسە تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۈمە نامىزىدىن كېيىن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.

ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سۆزلىرىدە ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن. بىر ئۇيغۇر ياش ئېنگىلىز تىلىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى مۇنداق ئىپادىلىدى :"كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ زىيارىتىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن، ھازىر بىز ئېھتىيات ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتىمىز، بولۇۋاتقان ئىشلارغا نىسبەتەن نارازى بولساقمۇ، ئەمما دېيەلمەيمىز ..."

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، ھازىر ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى قامال قىلىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن چەتئەللەرنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇچۇرنى قامال قىلىۋاتقان؛ رادىئو - تېلىۋىزورلاردا ئۇيغۇرلارنى" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشكە قىستاپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار يەنىلا چەكلىك ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۆز ئاۋازلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتماقتا.