ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىت ئاسراش مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلار قەدىمكى چاغلاردىن باشلاپلا مۇھىتنى ئاسراش ۋە تازىلىقىغا رىئايە قىلىشتا دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا بولۇپ كەلگەن بىر مىللەت. ئۇلار تەبىئەت قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا زور ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى ياپ - يېشىل، باغۇ - بوستانلىق ۋە بەكمۇ چىرايلىق بولغاچقا ھەركىمنىڭ زوقىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكى مۇھىت ئاسراش قانۇنى

"شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى" ژۇرنىلى 1988 - يىللىق ئومۇمىي سانىنىڭ 22 - بېتىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: " مىلادىيە 220 - يىلىدىن 420 - يىلىغىچە دەۋر سۈرگەن قەدىمكى ئۇيغۇر پىشامشان بەگلىكى خارابىسىدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە: "قانداقلا بىر كىشى بىرەر دەرەخنى يىلتىزى بىلەن كېسىپ تاشلىسا، ئۇنىڭغا بىر ئات جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانداقلا بىر كىشى بىرەر دەرەخنىڭ شېخىنى كېسىدىكەن، ئۇنىڭغا بىر سىيىر جەرىمانە قويۇلىدۇ" دېيىلگەن.

بۇ تارىخىي ھۆججەتنى مىلادىيە 420 - يىللاردىكى ئورمان قانۇنى ياكى مۇھىت ئاسراش قانۇنى دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئىلگىرى بار بولغان ئۆرپ - ئادەت، دىنىي ئاڭ بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا سىڭدۈرۈلۈپ كېلىنىۋاتقان "ياش نوتا كۆچەتنى كەسسە ياكى ئوشتۇۋەتسە، شۇ ئادەم ياش ئۆلۈپ قالىدۇ" دېگەن ھېكمەتلىك، چوڭقۇر مەنىگە ئىگە خەلق تەمسىلىنى پاساھەتلىك ئىلمىي يەكۈن دېيىشكە بولىدۇ.

مۇھىت ئاسراش ساۋابلىق ئىش

ئىسلام دىنىدىمۇ تەبىئەتنى بۇلغاش، ئۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇش، دەرەخ - ئورمانلارنى نابۇت قىلىش گۇناھ ھېسابلىغىنىدەك، دەرەخ تىكىش، مۇھىتنى يېشىللىقلار بىلەن زىننەتلەش ساۋابلىق ئەمەلدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە:" قانداقلا بىر كىشى بىرەر دەرەخ تىكسە، ئىنسانلار ياكى ھايۋانلار ياكى ئۇچار قۇشلار ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يېسە، ئۇنى تىككەن كىشىگە سەدىقىنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

چۈنكى تەبىئەت ئاللاتائالانىڭ سەنئىتىدۇر. ئاللاتائالا تەبىئەتنى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن. ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ تەبىئەتكە بولغان بۇرچى تەبىئەتتىن يوللۇق ھالدا پايدىلىنىش، ئۇنى بۇلغاش ۋە بۇزۇلۇشتىن ئاسراش، ئۇنى سۆيۈش ۋە قوغداشتىن ئىبارەتتۇر.