تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى يەكشەنبىلىك سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماقالە ئىدى.
پروفېسسور دوكتور سېۋىل ئاتاسوي خانىم يازغان "خېروئىنلىق گىلەملەر بىلەن ئۇچۇپ ئەيدىز بىلەن ئويغانماقتا" ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەپسىلى بايان قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يېتەرسىز ساقلىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىگە تۈرك ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشقان. پروفېسسور دوكتور سېۋىل ئاتاسوي خانىم ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىببى ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇن دوختۇرى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش خىزمەتلىرى بۇيىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. سېۋىل خانىم يازغان ماقالىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە.
زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ كۆپى ئالتۇن ھىلال ئاي رايونىدىن كىرمەكتە
ماقالە ' دۇنيانىڭ نەزىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى 8 مىليون 820 مىڭ ئۇيغۇر تۈركى ياشاۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ' ناملىق كىچىك تېما بىلەن مۇنداق دەپ باشلىنىدۇ: "شىنجاڭ پەقەتلا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ۋە خىتايلارنىڭ ئۇ يەردە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى بىلەنلا ئەمەس، ئۆزىدىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت زاپىسى بىلەن ۋە شۇنداقلا 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن 17 - نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارالىق يەرمەنكىسى بىلەنمۇ دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدە. ئەمما سەل قارىلىپ كېلىۋاتقان ناھايىتى مۇھىم بىر ھەقىقەت بار. شىنجاڭ ئالتۇن ھىلال ئاي دەپ ئاتالغان پاكىستان، ئىران ۋە ئافغانىستانغا قوشنا. شەرق تەرەپكە يۆتكىلىۋاتقان خېروئىن يولىنىڭ ئۈستىدە بولغاچقا، ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى سۈرئەت بىلەن كۆپەيمەكتە."
ماقالىدە خېروئىن ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق خېروئىن يۆتكەۋاتقانلىقى، بۇرۇن زەھەرلىك چېكىملىكلەر خىتاينىڭ ئىچكىرى رايونلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا ئېلىپ كىرىلگەن بولسا، ھازىر ئالتۇن ھىلال ئاي رايونى دەپ ئاتالغان ئىران، پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا كىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "تېخى ئىككى يىل ئاۋاللا خىتايغا زەھەرلىك چېكىملىكلەر لائوس، بېرما ۋە تايلاندنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك دەپ ئاتالغان رايوندىن كىرەتتى. بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىلغان زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە قارشى مۇجادىلەر نەتىجىسىدە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ئازايدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ كۆپى ئالتۇن ھىلال ئاي رايونىدىن كىرمەكتە. يەنى ئىراننىڭ تاغلىق رايونىنى، پاكىستان ۋە ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ كۆپىيىشى شۇنداقلا 2000 - يىلىدىن بېرى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ ئەڭ ئاز 6 مىسلى كۆپىيىپ كېتىشى مانا بۇ زەھەر يۆتكەش يولىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىندۇر."
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانى 743 مىڭ ئىكەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەرەز قىلىشىچە 2010 - يىلى خىتايدا HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 10 مىليونغا چىقىدىكەن.
بارنى تەڭ كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئۇيغۇرلار ئوكۇل شىپىرىسىنىمۇ ئورتاقلاشتى
ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلاردا HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ تېز كۆپىيىشىدىكى سەۋەب ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنىڭ ' بارنى تەڭ كۆرۈشنى، ھەممە نەرسىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ئۇيغۇرلار ئوكۇل شىپىرىسىنىمۇ ئورتاقلاشتى' ماۋزۇسى ئاستىدا تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ: "ئەسلىدە HIV ۋىرۇسى شىنجاڭدا يۈننەندە بايقالغاندىن ئۇزۇن يىللار كېيىن بايقالغان. 1995 - يىلىدا زەھەرنى تومۇر ئارقىلىق ئۇرىدىغانلارنىڭ ئىچىدە HIV ۋىرۇسى يوق ئىدى. ئۈچ يىل كېيىن بۇ ۋىرۇس ئۈرۈمچىدىكى خېروئىن چەككۈچىلەرنىڭ 28.8 پىرسەنتىگە، غۇلجىدىكىلەرنىڭ 82.2 پىرسەنتىگە يۇقتى. بۈگۈن ئۇيغۇر رايونى خىتايدا يۈننەندىن قالسىلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئەڭ كۆپ رايون ھېسابلىنىدۇ. كىشىنى قايغۇلاندۇرىدىغىنى شۇكى، خىتايدىكى ھەر 100 ئادەمنىڭ بىرسى ئۇيغۇر رايونىدا ياشىماقتا، ئەمما خىتايدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ھەر ئون كىشىدىن بىرى شىنجاڭدا. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپى بۇ رايونغا يىغىلغان."
"بېيجىڭ ۋە شىنجاڭدىكى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش تارماقلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا HIV ۋىرۇسىنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن يېيىلىشىدىكى سەۋەبنىڭ تومۇرغا زەھەر ئۇرىدىغانلارنىڭ ئوكۇل ۋە ئوكۇل يىڭنىسىنى، ئوكۇل يىڭنىسىنى يۇيۇدىغان سۇنىمۇ ئورتاق ئىشلىتىشىدىن كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولدى. بىرى ئوكۇل يىڭنىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن سۇنى باشقا بىرىنىڭمۇ ئىشلىتىشىدەك بۇنداق ئەھۋال 26 ياش ئۈستىدىكى نامرات خېروئىنچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىكەن. ئەڭ كۆپ دىققىتىمىزنى تارتقان نەرسە بۇ ھادىسىنىڭ خىتايلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلاردا ئۈچ مىسلى كۆپ بولۇشى. خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق، يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئۇيغۇر."
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا HIV ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلار شۇنچە كۆپ؟
ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرى ھەققىدە كۆپ ساندا ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۇيغۇر رايونىدا سۇبوكسۇن ئىسىملىك دورىنى تارقىتىۋاتقان جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى شىياۋ شىڭفۇ بۇ ھەقتە :"ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مېھماندوست خەلق، ھەممە نەرسىسىنى دوستلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەنئەنىگە ئىگە. شۇڭا خېروئىننى تومۇرغا ئۇرىدىغان يىڭنىنىمۇ ئورتاق ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلاردىكى يوقسۇللۇقمۇ HIV ۋىرۇسىنىڭ تېزلا يېيىلىشىغا سەۋەب بولماقتا " دېدى.
دېمەك بىز بۇ سۆزلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە يېتەرلىك خىزمەت قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇنىڭغا سەل قاراش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللى كەمسىتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىق بىلەن ئەيىبلىنىشىگە يول ئېچىپلا قالماي، ئىچكىرىدىكى خىتايلار ھە دەپ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىشقا قىزىقتۇرۇلۇۋاتقان شۇ كۈنلەردە ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ بەك يېيىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.
سەۋىل ئاتاسوي خانىم ماقالىسىنى تۆۋەندىكى تىلەكلىرى بىلەن ئاياقلاشتۇرىدۇ: "خىتايدا 2008 - يىلى ماقۇللانغان زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى باشقۇرۇش قانۇنىغا ئاساسەن، شىنجاڭدا قۇرۇلغان، ھازىرمۇ سانى ئارانلا 13 بولغان ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاش مەركەزلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىنى، ئۇيغۇر بىمارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، دىنىي ۋە مەدەنىيىتى نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا داۋالىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولمىسا، ئۈرۈمچىنىڭ كوچا دوقمۇشلىرىدا ئۇچراپ تۇرىدىغان 'خىتاي مىللىتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى بىر، قەلبىمۇ بىر' دەپ يېزىلغان لۇزۇنكىلارغا ئىشىنىش مۇمكىن بولمايدۇ."