ئەنۋەر توختى: 'ئۇيغۇرلاردىكى راك كېسىلى مېنى ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەتقىقاتىغا ئېلىپ كىردى' (1)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.06.14
2010.06.14
![Enver-Toxti-yipek-yolidiki-olum-filimida-305 Enver-Toxti-yipek-yolidiki-olum-filimida-305](https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/uyghurlardiki-rak-kesili-06142010220134.html/Enver-Toxti-yipek-yolidiki-olum-filimida-305/@@images/f148751b-7eaa-49e7-b7e8-a7f02ddc6f65.jpeg)
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
ئەنۋەر توختى ئەپەندى يەنە، 1998 - يىلى ئەنگلىيە مۇخبىرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن، "يىپەك يولىدىكى ئۆلۈم" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان كۆپ قېتىملىق ئاتوم سىناقلىرىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرىنى دۇنياغا تونۇتقان تۇنجى كىشى. بۈگۈن ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى ھەققىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختالدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئالدى بىلەن، 1994 - يىلى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە، دوختۇرخانىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك دوختۇر بىلەن ئېلىپ بارغان راك كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى بىر قېتىملىق تاسادىپىي سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردا راك كېسىلىنىڭ تۇيۇقسىز كۆپىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەب ھەققىدىكى ئىزدىنىشنى باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1994 - يىلدىن 1996 - يىلغىچە بولغان دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ئەھۋالى ھەم بۇ جەرياندا بايقىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئىدارە تەۋەسىدىكى 160 مىڭ خىزمەتچى تەركىبىدىكى ئاران 5 مىڭ ئەتراپىدا بولغان ئۇيغۇرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئىدارە تەۋەسىدە زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان كۆچمەن خىتاي خىزمەتچىلىرىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى بايقاشتىن كېيىن ئۇ، راك كېسىلىنىڭ ئۇيغۇر رايوندا بۇ قەدەر تېزلىكتە كۆپىيىپ كېتىش سەۋەبىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان. ئەمما ئەينى چاغدا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات دوختۇرخانا تەرەپنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، تەتقىقاتنى باشقىلاردىن يوشۇرۇن ئېلىپ بارغان.
ئەنۋەر توختى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ 1994 -يىل 12 - ئايدىن 1995 - يىلى7 - ئايغىچە گۇاڭجۇ شەھىرى ھەم تيەنجىن شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدا راك كېسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ قەدەر كۆپ تارقىلىپ كېتىشى ھەققىدە كۆپلەپ ماتېرىياللارنى كۆرگەنلىكىنى ھەم ئۆسمە كېسەللەر دوختۇرخانىسى، خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلاردا داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، كېيىن تۆمۈريول دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇنىڭ بۇ خىل تەكشۈرۈشنى يوشۇرۇن ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، 1996 - يىلى 8 - ئايدا ئۇنىڭغا بۇ تەتقىقاتنى توختىتىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئەنۋەر ئەپەندى 1996 - يىلى 10 - ئايدىن 1996 - يىلى 12 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسى تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە، تۆمۈريول ئىدارىسى تەۋەسىدىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئەھۋالىنىڭ ئۆزى ئىلگىرى يالغۇز ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەنۋەر ئەپەندى سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ 35% ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ 1996 - يىلى پۈتۈن خىتايدىكى خىتايلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرىلىقىنى بايقىغانلىقىنى، ئەمما بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى يۇقىرىغا دوكلات سۈپىتىدە يوللانغاندا بۇ نىسبەتنىڭ تۆۋەنلىتىلىپ، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى راك كېسەللىرىنىڭ تارقىلىش نىسبىتى بىلەن تەڭلەشتۈرۈلۈپ يوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىنىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق تۆمۈريول ئىدارىسى تەۋەلىكىدىكى خىزمەتچىلەر ئارىسىدا راك كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى تەتقىقات خىزمىتى ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان، ئەمما ئەينى يىللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلغان ئىكەن.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن دوستلار، ئەنۋەر توختى ئەپەندىنىڭ 1998 - يىلىدىن كېيىن، خىتاي لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم بومبا سىناقلىرىنىڭ تەسىرى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلاش جەريانى ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ئەللەردە بۇ ھەقتە بەرگەن دوكلاتلىرى توغرىسىدا سىلەرگە كېيىنكى پروگراممىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.