ئۇيغۇرلار تۆت كىتابنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولماقتا

شىنخۇا تورىنىڭ 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 28 - نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەلىم - تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 4 تۈرلۈك نەزەرىيىۋىي ئوقۇشلۇقنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز تارقىتىپ ئۆگىنىشنى يولغا قويغان.

0:00 / 0:00

"شىنجاڭنىڭ 3 تارىخى ‏- تەلىم - تەربىيە قىسقىچە دەرسلىكى" دەپ نام قويۇلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تۆت تۈرلۈك ئوقۇشلۇقنىڭ بىرى "شىنجاڭنىڭ 3 تارىخى ‏- تەلىم - تەربىيە قىسقىچە دەرسلىكى"، ئىككىنچىسى، " جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم تەلىم - تەربىيىسى ئوقۇشلۇقى" ، ئۈچىنچىسى، "جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم تەلىم - تەربىيىسىدىن سوئال - جاۋابلار"، " تۆتىنچىسى، "جۇڭگو شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەلىم - تەربىيىسى ئوقۇشلۇقى" دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن.

بۇ يەردىكى "شىنجاڭنىڭ 3 تارىخى" دېگەن گەپ بولسا، "شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە دىنىي ئۆزگىرىش تارىخى" دېگەننى كۆرسىتىدىكەن. بۇ تۆت تۈرلۈك كىتابنى ئۆگىنىش ئاساسى قاتلامدىكى بارلىق شەخسلەرگە مەجبۇرىيەت ئىكەن.

5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان بىر چاغدا، خىتاي قانات يايدۇرۇۋاتقان بىر تەرەپتىن شىنجاڭغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىككىنچى بىر جەھەتتىن 3 خىل كۈچلەرنى قەتئىي باستۇرۇش، ئۈچىنچى جەھەتتىن مانا مۇشۇنداق ئوقۇشلۇقلارنى مەجبۇرىي ئۆگىنىش ھەرىكەتلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماقتا.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ ماتېرىياللارنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ئۆگىتىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەركىنئاي خانىم بولسا، بۇ تۆت كىتاب ئىچىدىكى "جۇڭگو شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەلىم - تەربىيىسى ئوقۇشلۇقى" دېگەننىڭ تولىمۇ بىمەنە بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بىر ھەق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار بۇ كىتابلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئارقىلىق خىتايلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئاتالمىش "شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي تارىخى"نى توغرا بىلىشى، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، 60 يىلدىن بېرىقى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ "مېھرى - شەپقىتى"نى چۈشىنىشى، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە سادىق بولۇشى كېرەككەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.