ئۇيغۇرلار ھالقىما تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىش ئىمكانى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىدىن يەنىلا ئۈمىدسىز

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم «ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.03.21

پىلان بويىچە 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالىي مەكتەپ ۋە ھەرقايسى تېخنىكوملارنى پۈتتۈرىدىغان 280 مىڭ ئوقۇغۇچى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ئۆلكىلەردىن ھەدەپ ئۇيغۇر رايونىغا «ئىختىساسلىق خادىملار» نى چاقىرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلار بولسا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىدىن يەنىلا ئۈمىدسىز تۇرماقتا.

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندىن بۇيان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان بالىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بۇ ھەقتە جىددىي تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇربەكرىمۇ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان نۇتقىدا ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ھالقىما تەرەققىيات سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۆپلەپ ئىش ئىمكانى يارىتىدىغانلىقى، ياشلارنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىنلا، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت يانۋاردىن ئېتىبارەن «ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىلانى بويىچە 280 مىڭ نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەمما، ئۇيغۇر رايونىدا ئىش تېپىش قىيىنچىلىقى بارلىقىنى ئېيتىپ، سەۋرچان بولۇشنى، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراشنى تەۋسىيە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايون رەھبەرلىرى بولسا بىر ياقتىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا ياردەمدە بولۇشى ئۈچۈن ئىچكىرىدىن ھەدەپ «ئىختىساسلىق خادىملا»" تەكلىپ قىلىۋاتماقتا. ھەتتا، يېقىندا قەشقەر ھۆكۈمەت تورىمۇ مەخسۇس قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ئۈچۈن ئىچكىرىدىن مەخسۇس خادىم تەكلىپ قىلدى. ئىچكىرىدىكى خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «پىدائىي» لار سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەر، بازارلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا نۇقتىلىق ياردەم قىلىۋاتقان «قېرىنداش ئۆلكىلەر» دىن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار، تېخنىك خادىملار، مەمۇرىي خادىملار، ھۆكۈمەت كادىرلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ «ئىختىساسلىق خادىم» سۈپىتىدە يۆتكەپ كېلىنىۋاتقان يەنى، ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن نۇرغۇنلىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا، خىتاي ئىشچىلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىش تېپىش ئىمكانى يارىتىپ بېرىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا بولسا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىينىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بالىسى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا تەبىئىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان بىر ئايالنىڭ بايانلىرى بىزگە ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىدىن يەنىلا ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بالىسى بۇ يىل 7-ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بۇ ئايالنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بالىسى ئىچكىرىدە خىتايچىدا «دىڭ شۇاڭ» دەپ ئاتىلىۋاتقان تۈر بويىچە تەربىيىلەنگەن بولۇپ، بۇ بالىلارغا ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىغا قايتىپ كېلىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقى ۋە قايتىپ كەلسىلا خىزمەت بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بېرىلگەن ئىكەن.

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشقا ئورۇنلىشالماي، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولالماسلىقتەك ئەھۋال نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى، يۇرتلىرىدىن كىچىكلا ئايرىلىپ، چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ھەرقايسى ياۋروپا ئەللىرىگە كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئارتتى. ئۇلار ئۆز ۋەتىنىدە ئىش ئىمكانى، ياشاش ئىمكانى ئۇيغۇرلارغا بارغانسېرى تارىيىۋاتقانلىقتىن ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى چەتئەللەردە ئىزدەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلماقتا.

رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بەلگىلىك قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر قىسىم ياشلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆزى ئوقۇغان كەسىپلەردە ئەمەس، بەلكى كەسپى بىلەن قىلىچىلىكمۇ ئالاقىسى بولمىغان ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقان. يەنى، كۆپىنچىسى ھەرقايسى ئاھالە باشقۇرۇش كومىتېتلىرىدا چارلاش ساقچىسى، ئامانلىق قوغداش خادىمى قاتارلىق خىزمەتلەرگە قوبۇل قىلىنغان. باشقا چىقىش يولى بولمىغان ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىمۇ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار ياشلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئىچكىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار «ئىختىساسلىق خادىم» سۈپىتىدە كەسپىي ئورۇنلارنى ئىگىلەپ كەتكەنلىكتىن ئۇيغۇرلار كەسپىي ئورۇنلاردا ئوقۇغان كەسپىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىدىن مەھرۇم قېلىپ، نەتىجىدە جاپا تارتىپ ئوقۇغان كەسپىنىمۇ ئىشلىتەلمەيدىكەن.

بالىسى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئايالنىڭ يۇقىرىدىكى بايانلىرىمۇ بۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. ئۇ سۆزىدە يەنە، بالىسىنىڭ ئوقۇغان كەسپىنى ئىشلىتىپ، تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئىچكىرىدە قېلىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، مەكتەپ ئۇنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر رايونىغا قايتىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئىچكىرىدىن خىزمەت تېپىشىغا رۇخسەت قىلمىغان ئىكەن. شۇڭا ھازىر بۇ ئايالغا ئۇيغۇر رايونىدا بالىسىغا جاپا تارتىپ ئوقۇغان كەسپىگە چۇشلۇق ئىش تېپىشى بولسا تېخى قاراڭغۇ.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ پەقەتلا بىر قىسىم ياشلارغا ئىش بېرىپ قويۇش بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىردىن ‏-بىر يولىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ھوقۇق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بەرگەندىلا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.