تۈركىيىدىكى قازاقىستان ئەلچىخانىسى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنى تەقدىرلىدى

1-دېكابىر كۈنى تۈركىيىنىڭ نەۋشەھىر ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 21-يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

0:00 / 0:00

تۈركىيە، 1991-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندا ئۇلارنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر يىلى بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش كۈنلىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ يىل 12-دېكابىر كۈنى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان نەۋشەھىر ۋىلايىتىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش خاتىرە كۈنى تەنتەنە بىلەن تەبرىكلەندى. بۇ پائالىيەتنى نەۋشەھىر ۋالىيلىقى، قازاقىستاننىڭ نەۋشەھىردە تۇرۇشلۇق پەخرىي كونسۇلخانىسى ۋە قازاقىستان باش ئەلچىخانىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان. بۇ پائالىيەت قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 21 يىللىق تارىخىنى تونۇشتۇرغان رەسىم كۆرگەزمىسى، قازاقىستان-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ھەم قازاقىستان-تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 21-يىلىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، قازاقىستاننىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جانسېيىت تۈيمەبايېف نۇتۇق سۆزلىدى. 2012-يىلى 1-دېكابىر، تۈركىيە.
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 21-يىلىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، قازاقىستاننىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جانسېيىت تۈيمەبايېف نۇتۇق سۆزلىدى. 2012-يىلى 1-دېكابىر، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

بۇ پائالىيەتكە قازاقىستاننىڭ نەۋشەھىردىكى پەخرىي كونسۇلى دوكتور خالىل ئۇلۇئەرنىڭ دەۋىتىگە بىنائەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قاتناشتى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. پائالىيەتكە يەنە نەۋشەھىر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، شەھەر باشلىقى، نەۋشەھىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىر ھەم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى. پائالىيەت داۋامىدا قازاقىستاننىڭ تۈركىيە باش ئەلچىسى جانسېيىت تۈيمەبايېف قازاقىستان-تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە تۆھپە قوشقان ۋالىي ئابدۇرراھمان ساۋاش، پارلامېنت ئەزاسى ئاھمەت ئەردال فەرئالان، مۇرات گۆكتۈرك، ئەبۇبەكىر گىزلىگىدەر، نەۋشەھىر شەھەر باشلىقى ھەسەن ئۈنۋەر، قازاقىستاننىڭ نەۋشەھىردىكى پەخرىي كونسۇلى خالىل ئۇلۇئەر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركلەرگە خاتىرە تاختىسى تەقدىم قىلدى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قازاقىستاننىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جانسېيىت تۈيمەبايېفنىڭ زىياپىدە. 2012-يىلى 1-دېكابىر، تۈركىيە.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قازاقىستاننىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جانسېيىت تۈيمەبايېفنىڭ زىياپىدە. 2012-يىلى 1-دېكابىر، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

نېۋشەھىر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا قازاقىستان باش ئەلچىسى جانسېيىت تۈيمەبايېف سۆز قىلىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاتا يۇرتتىكى قېرىنداشلار بىلەن ئانا يۇرتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بەزى تاشقى كۈچلەر توسالغۇ قۇرغان بولسىمۇ، 21 يىل بۇرۇن بۇ توسالغۇنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، قېرىنداشلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلاشقانلىقىنى ئېيتقان.

باش ئەلچى تۈيمەبايېف قازاق-تۈرك قېرىنداشلىقى ھەققىدە مۇنۇلارنى دېگەن:
«بىز قېرىنداش. دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل يېرىگە جايلاشقان تۈركىيە، ياۋروپادا يالغۇز ئەمەس. بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بىر ئاۋازغا ئىگە بولغان تۈركىيىنىڭ ئارقىسىدا بۈگۈنكى كۈندە ئالتە دۆلەت بار. بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاننىڭ قاناللىرىدا تۈرك فىلىملىرى قويۇلماقتا. قىز-ئاياللىرىمىز تۈرك سەنئەتچىلىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىمىزنى سىز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشتىن پەخىرلىنىمىز. بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا جەم بولۇپ، مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش نىيىتىدەمىز.»

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.