شاڭخەي يەرمەنكىسىنىڭ ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش كۈچەيتىلمەكتە

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، "يەرمەنكە مەزگىلىدىكى 100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى"نى باشلىغان.

0:00 / 0:00

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خىتاي تېررىتورىيىسى بويىچە، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۇتقۇن قىلىش، زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى فۇ چياڭ سىياسىي - قانۇن ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك تارماقلاردىن شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، ئېلىپ بېرىلىدىغان يەنە بىر قېتىملىق "100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى"نى ياخشى ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە، بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە نۇقتىلىق ھالدا "3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش"نى قانات يايدۇرۇپ، "تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش، بېشىنى كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، دۈشمەننى باش ئەگدۈرۈش" پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان "100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى"نىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرمەنكە مەزگىلىدە، خەلقئارا جەمئىيەتكە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەزگىلدە يەنە بىر قېتىملىق كەڭ - كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا، ھەرقايسى ۋىلايەت ناھىيىلەردىن "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان" دېگەندەك باھانىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى باشلىۋەتكەنلىكىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قەشقەر ھەم خوتەن ۋىلايەتلىرى تەۋەسىدىن 64 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق "100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى"دە ئىلى رايونىدا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ھازىرچە ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت شەرقىي تۈركىستان رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۇتقۇن قىلىش، چەكلەش، ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ھەر خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ھەق ‏ - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى ھېچقاچان توختاتمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇ خىل قاتتىق قول سىياسەتنى قوللىنىشىنىڭ ئەكسىچە رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.