ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئالدى بىلەن بۇ كىشىلەرنى تونۇمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەگەر بۇ كىشىلەر راستىنلا مەۋجۇت دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلارنىڭ تېررورلۇق پاكىتى بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ پروگراممىمىزدا، ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، تۈركىيىدىكى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى، شۇنداقلا، شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باياناتچىسى قاتارلىق تەشكىلات مەسئۇللىرى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، خىتاينىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تېررورچىلار تىزىملىكىگە قارىتا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.