مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى چېن جيەنۋېي ئىسىملىك بىر خىتاي زىيالىسىدۇر. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە بوشۈن تورىدا ئېلان قىلغان مەزكۇر ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
" ئۇيغۇر مەسىلىسى مىللىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئۈچ مەسىلىنىڭ ھىچبىرىگە ئەمەلىي چارە قوللانمىدى."
ئاپتور بۇ پىكرىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى، دىنىي ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقىدىن مىساللار كۆرسىتىپ ئىسپاتلايدۇ. ئۇ كۆرسەتكەن مىساللىرىدىن بىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال قويۇشىنىڭ چەكلىنىشىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: " ئۇيغۇرلار ساقال ئەرنىڭ ھۆسنى دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلامدا ساقال قويۇش سۈننەت. شۇڭا بۇ ئەھۋال ئەسلىدە چەكلەنمەسلىكى كېرەك، ھەر كىمنىڭ ئۆزى خالىغان ھايات شەكلىنى تاللاش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك ئىدى."
ئاپتور بۇ ئەھۋالنى، مانجۇلارنىڭ ئەينى چاغدا، خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇشىنى چەكلىشىگە ئوخشىتىدۇ ۋە مۇنداق بايان قىلىدۇ: "مانجۇ ھۆكۈمىتى ئۇزۇن چاچنى چەكلەش بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۇشبۇ سىياسىتىمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ."
چېن جيەنۋېي ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: " ئەسلىدە خىتاي خەلقىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بىر خەلق، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاشكارا بوزەك قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتى تەرەپتە ئەمەس، زوراۋان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەپدارى بولۇۋاتىدۇ."
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي خەلقى ئارىسىدا مۇرەسسە كارغا كەلمەيدىغان دەرىجىدە يىرىكلىك مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالغان ئاپتور بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى. چۈنكى شىنجاڭدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى، خىزمەت تېپىشى قاتارلىق جانىجان مەنپەئەتىگە بىۋاستە زىيان سېلىۋاتىدۇ." ئاپتور مانا بۇ زىددىيەتكە ئاساسەن " شىنجاڭ پەلەستىنگە ئايلىنىپ قالدى، شىددەتلىك قارشىلىقلار چىقسا ھەيران قالماسلىق كېرەك" دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ئاپتور چېن جيەنۋېينىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى قارىشى ئۆزگىچە. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا پەقەت ئىككىلا چارىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ ۋە بۇنىڭ بىرى باستۇرۇش، يەنە بىرى خىتايلاشتۇرۇش دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ خىتاينىڭ باستۇرۇش چارىسىنىڭ تارىختىن بېرى كارغا كەلمىگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: " ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان. ئۇلار مىللەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىش دەپ بىلىدۇ. جەننەتكە كىرىشنىڭ يولى دەپ بىلىدۇ. بۇ دېمەك، ئۇلار ئازادلىق يولىدا ئۆلۈشنى، يوقۇلۇش دەپ ئەمەس، بەلكى بەخىتلىك مەڭگۈلۈك بىر ھاياتقا ئېرىشىش دەپ چۈشىنىدۇ. مۇنداق بىر ئېتىقاددىكى خەلقنى باستۇرۇپ بويسۇندۇرۇش خام - خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس."
ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئالدىراۋاتىدۇ. قوش تىللىق مائارىپ بۇنىڭ پەقەت بىرلا ئىپادىسى. ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەر بىلەن قانداش؛ ئەگەر كۈن كېلىپ، ئۇيغۇر تىلى يوقالدى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلار ئەينەككە بىرلا قارىسا، ئۆزىنىڭ خىتاي ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، خىتاي مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. قارشىلىق يەنە داۋاملىشىدۇ."
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئىككى مىللەت باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش دەپ كۆرسىتىدۇ.