ئۇيغۇرشۇناس سېئان روبېرت قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەققىدە توختالدى

16-ماي كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى گېئورگې ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئۇيغۇرشۇناس سېئان روبېرت ئەپەندى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەققىدە لېكسىيە بەردى.

0:00 / 0:00

سېئان روبېرت ئەپەندى ئۆز لېكسىيىسىدە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللىۋى ھاياتى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ھەمدە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئىلمىي لېكسىيىگە قاتناشقان تەتقىقاتچىلار ھەم مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇرشۇناس سېئان روبېرت قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەققىدە لېكسىيە بەردى. 2012-يىلى 16-ماي، ۋاشىنگتون.

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياۋروپا، رۇسىيە ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىنستىتۇتىدا 16-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان پروفېسسور سېئان روبېرت ئەپەندى «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتقا يۈزلىنىش بارغانچە كۈچەيمەكتە. ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېللايت كافېدراسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت پروگراممىسى مۇدىرى پروفېسسور سېئان روبېرت ئەپەندى نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.

پروفېسسور سېئان روبېرت ئەپەندى «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى» دېگەن تېمىدىكى لېكسىيىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى سوتسىيالىزمچە دىنسىزلىقنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈپ قوللىنىشقا باشلىغانلىقى ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار قايتىدىن گۈللەندۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاش جەھەتتە ئوينىغان رولى شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە بولغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

پروفېسسور سېئان روبېرت ئەپەندى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

سۆھبەت جەريانىدا، سېئان روبېرت ئەپەندى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان يىگىت بېشى تۈزۈمىدىكى مەھەللىۋى تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلاشتا ئوينىغان رولى، ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستان جەمئىيىتىدە ئويناۋاتقان رولى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلىغان ۋەزىيەتتە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى شۇنداقلا چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىدا ئوينىغان رولى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلدى.
تۆۋەندە دىققىتىڭلار مەزكۇر سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.