جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇيغۇر تىلى ئىشلەتسە جازالىنىدىغانلىقى» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى نارازىلىق قوزغىماقتا

جېجياڭ يېزا ئىگىلىك ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇيغۇر كۇرسانتلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشسە جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت تارقاتقان.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جېجياڭ يېزا ئىگىلىك ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ھەم ئاممىۋى سورۇنلاردا ئانا تىلىدا سۆزلەشسە جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ رەسىملىك كوپىيە نۇسخىسىدا، ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ئانا تىلىدا سۆزلەشسە ئۇلارنى جازالاش تەدبىرلىرى مۇنداق بەلگىلەنگەن:
«ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە چوقۇم ئۆلچەملىك دۆلەت تىلىدا سۆزلىشىشى كېرەك. ئەگەر مەكتەپ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكەنلەر بايقالسا، 1-قېتىمدا ئۇلارنى باھالاش نومۇرىدىن 1 نومۇر تارتىلىدۇ، 2-قېتىمدا 2 نومۇر تارتىلىپ 20 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئەگەر 3-قېتىم بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكەنلىكى بايقالسا ئۇلارنى باھالاش نومۇرىدىن 3 نومۇر تارتىلغاندىن باشقا يەنە 40 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئەگەر داۋاملىق تەكرارلانسا ھەسسىلەپ جەرىمانە قويۇلىدۇ.»

uyghur-tili-cheklengen2-385.jpg
جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇيغۇر تىلى ئىشلەتسە جازالىنىدىغانلىقى» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى. 2011-يىلى ئىيۇن. (Uighurbiz.net)

ئىگىلىشىمىزچە، جېجياڭ يېزا ئىگىلىك ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن قايتا تەربىيىلىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار 85 نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرنەچچە نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى بولغاندىن سىرت، قالغان ئوقۇغۇچىلار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر كۇرسانتلار ئىكەن. ئۇلار بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 1 يىل تەربىيىلىنىش مۆھلىتى بىلەن كەلگەن بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلۇپ خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

uyghur-tili-cheklengen3-385.jpg
جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇيغۇر تىلى ئىشلەتسە جازالىنىدىغانلىقى» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى. 2011-يىلى ئىيۇن. (Uighurbiz.net)

مەكتەپتىكى ئۇيغۇر كۇرسانتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن 5 نەپەر مۇئەللىم قوشۇپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، مۇئەللىملەرنىڭ 3 نەپىرى ئۇيغۇر، 2 نەپىرى خىتاي ئىكەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشسە جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار يەنە ئوقۇغۇچىلارغا بۇ خىل بەلگىلىمىنىڭ چىقىرىلىشى ئۇلارنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىغان.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۇيغۇر كۇرسانتلىرىغا قارىتىلغان بۇ بەلگىلىمە ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىنىڭ ئاشكارا ئىپادىلەنگەن بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەكتەپكە تەربىيىلىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىغان ھالەتتە، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەلەپ سۇنۇپ، مۇشۇ مەكتەپتە مەخسۇس كەسىپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىۋاتقان تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر كۇرسانتلىرىغا قارىتا يەنە ساقال، بۇرۇت قويماسلىق، دەم ئېلىش كۈنلىرى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رۇخسىتىسىز سىرتقا چىقماسلىق قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن 8-10 غىچە مەخسۇس خەۋەر يەتكۈزگۈچى ئوقۇغۇچىلارنى بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇلار ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بولۇنغان نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ تۇرغىنى ئۈچۈن، نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قايتا تەربىيىلىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇلارغا باش يېتەكچى قىلىپ بەلگىلەنگەن ۋۇ دېسېڭ ئىسىملىك خىتاي ئوقۇتقۇچى نارازى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «يەنە 10-20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى ھەم ئۇيغۇر يېزىقىمۇ يوقايدۇ، ھەممەيلەن جۇڭخۇا مىللىتىگە ئايلىنىدۇ» دېگەن.

ئېلشات ئەپەندى ئۆز بايانىدا ۋۇ فامىلىلىك خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ «يەنە 10-20 يىلدا ئۇيغۇر تىلى يوقىلىدۇ» دېگەن سۆزىگە رەددىيە بېرىپ، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تۇيغۇلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى، ئاشكارا ھالدا ئىپادىلىگۈچى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئانا تىلىدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغاندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ھاياتى بەدىلىگە قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.