"ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ تۈركىستاننىڭ بىر پارچىسى"

ئۇيغۇرلار تارىختا بىر قانچە قېتىم مۇستەقىل دۆلەت ۋە ئىمپېراتورلۇق قۇرغان مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت. تۈرك تارىخچىلار ئۇيغۇر دىيارىنى ئۇلۇغ تۈركىستاننىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدۇ. خىتاي تارىخچىلار ۋە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ داۋا قىلماقتا.

0:00 / 0:00

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 15 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى پروفېسسور تۇران يازغان ئەپەندى تۈركىستان ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرى يۈزدە 5% پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان خىتايلار بۈگۈنكى كۈندە يۈزدە 60% پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا دېگەن بىر شەيئى يوق، ئوتتۇرا ئاسىيا رۇسلار ۋە ئىنگلىزلار قوللانغان بىر ئاتالغۇ. بىزنىڭ تۈرك كۈلكىلىرىمىز بولغان يەرلەرنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈركىستان. ئۇلۇغ تۈركىستان، غەربىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە غەربىي تۈركىستاندا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىمىز بار، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت باشقىچە بولۇپ، ئەسلىدە دۇنياغا پەن - تېخنىكىنى، ئىلىم - مەرىپەتنى تۇنجى قېتىم دۇنياغا تارقاتقان مەدەنىيەت بۆشۈكى شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئىشغال ئاستىدا. ئۇلۇغ تۈركىستان دېگەن ھامان شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى ئەقلىمىزگە كېلىدۇ."

غوجا ئەخمەت يەسەۋىي ۋەخپىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلغان ۋەخپىنىڭ رەئىسى پروفېسسور ئەردۇغان ئەسلىيۈجە ئەپەندى تۈركىستان دېگەن تېمىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، تۈركىستان قەدىمى بىر تۈرك يۇرتى. 5مىليون 716 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يۈز ئۆلچىمى بار، قەدىمكى ئىپتىدائىي تارىختىن باشلاپ 1924 ‏- يىلىغىچە، تۈركىستان بولۇپ تونۇلغان. 1924 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدىن باشلاپ ئىمپېرىئالىزم كۈچلەر قەدىمى تۈرك يۇرتىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ ئاتىدى. بۇ تۈرك يۇرتى ئۇلۇغ تۈركىستاننىڭ 1مىليون 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان. ئەمما، بىزنىڭ تۈرۈكلۈك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان زىيالىيلىرىمىز قاتارلىق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز."

بىز يەنە بۇھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ پىكىر - قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى تارىخى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستان خىتايلار بىلجىرلىغاندەك ئەزەلدىن بېرى خىتاي تۇپرىقى ئەمەس، بەلكى تۈركلەرنىڭ يۇرتىدۇر. خىتايلار 1884 يىلىغىچە بۇ زېمىننى "غەربىي يۇرت" دېگەن مەنىگە ئىگە "خىيۈ" دەپ ئاتاپ كەلگەنىدى. "خىيۈ" يەنى "غەربىي يۇرت" خاس ئىسىم ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي ئىسىم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 1884 يىلىدىن ئېتىبارەن، خىتايلار بۇ زېمىننى "يېڭى مۇستەملىكە" دېگەن مەنىگە ئىگە "خىن جىاڭ" ئىسمى بىلەن ئاتاپ، بۇ رايوننى ئۆزلىرىنىڭ ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەرب ھۆججەتلىرىدىكى ئىسمىغا كەلسەك، “شاھنامە”گە كۆرە، مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە تۈركلەر ياشىغان يەرلەر "تۇران" دەپ ئاتىلاتتى. مىلادى 7 ئەسىردىن كېيىن، "تۇران" ئىسمى ئەرەب ۋە فارس مەنبەلەردە "تۈركىستان"غا ئۆزگەرتىلدى. ماركو پولونىڭ "ساياھەتنامە"سىدە شەرقىي تۈركىستان رايونى "بۈيۈك تۈركىيە" دەپ ئاتالغان. تۇرپان تېكىستلىرىگە كۆرە، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشىغان بۇ جايلارنى "ئۇيغۇر ئېلى" دەپ ئاتىغان. "بۈيۈك تۈركىيە" دېگەن مەنىگە ئىگە "ئۇلۇغ تۈركىستان"نىڭ غەربىي قىسمى 19 ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا رۇسلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، شەرقتە قالغان قىسمى "شەرقىي تۈركىستان" دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.

خىتايلار: «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) ئەزەلدىن خىتاي زېمىنىدۇر» دېگەن جۈملىنى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىشىنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسەتمەكتە. 751 يىلى يۈز بەرگەن تالاس ئۇرۇشىدىن كېيىن، خىتايلار بۇ تۇپراقلارغا مىڭ يىلغىچە يېقىن يولىمىدى. شۇڭا خىتايلارنىڭ: «شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن خىتاي زېمىنىدۇر» دېيىشكە قىلچە ھەققى يوق. خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى "شىنجاڭ" دەپ ئاتىشى ۋە خىتايلارنىڭ 1940 يىلىدىن 1950 يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمىي نوپۇسى بۇ زېمىننىڭ ئەزەلدىن خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. 1941 ‏- يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتىكىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2 مىليون 984 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 88% پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. خىتايلارنىڭ نوپۇسى 187مىڭ بولۇپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 5% پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ."

بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ خادىمى ئۇيغۇر زىيالىي سىراجىدىن ئەزىزى تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە قېتىم ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت ۋە ئىمپېراتورلۇق قۇرغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: " شەرقىي تۈركىستان زېمىنى پۈتۈنلەي سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ. سەددىچىن سېپىلى خىتايلارنىڭ تەسۋىرىدە "قەبىھ قەبىلىلەر" دەپ ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدىن خىتاينى مۇداپىئە قىلىش مەقسىتىدە ئىنشا قىلىنغان. مانا بۇ تۈركىستاننىڭ خىتاي تۇپرىقى ئىچىدە ئەمەسلىكىنىڭ تارىخىي بىر دەلىلىدۇر. ئۇيغۇر خەلقنىڭ تارىخىنى كۆزدىن كۆچۈرىدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بېرى
‏" ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى »( 646 - 840)، « قاراخانىيلار دۆلىتى » (840 - 1212)، «ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقى» ( 1514 - 1679)، « بەدۆلەت ياقۇب بەگ قۇرغان قەشقەرىيە دۆلىتى» (1860 - 1875)، « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» (1933 1934)، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» (1944 - 1949) قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر قۇرغانلىقلىرىنى كۆرىمىز.

شەرقىي تۈركىستان 1949 - يىلى كوممۇنىست خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈزلۈكسىز ھالدا قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلدى. 60 يىلنىڭ مابەينىدە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنىڭ سانى 460تىن ئېشىپ كەتتى. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ داۋام قىلىشىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايلاردىن ئايرىم ياشاپ كەلگەن ۋە بىرگە ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ."