بۇ تەشكىلات بىر قانچىلىغان خەلقئارا قانۇنچىلارنىڭ، شۇنىڭدەك تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەمدە ئۆز ۋاقتىدا سوۋېت ئىمپېرىيىسى ئاستىدا مۇستەقىللىقىغا ئېرىشمىگەن شەرقىي تېمۇر ۋە ئېستونىيىگە ئوخشاش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سالاھىيىتى بولمىغان يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان مىللەتلەرنىڭ بىر ئارىغا كېلىشى بىلەن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات. ئۇيغۇرلار بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىلى بولمىغان، مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەردىن بىرى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپادا ۋە دۇنيانىڭ باشقا خەلقئارا سورۇنلىرىدا كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ھەققىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەشكىلاتتا تۇتقان ئورنى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، ئاتاقلىق ئۇيغۇر سىياسىيون ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتا باش كاتىپ، مۇئاۋىن رەئىس ۋە رەئىسى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەپ، ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئالاھىدە پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەتلىرىدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن ئەنىۋەرجان، ئەسقەرجان ۋە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2006-يىلىدىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئۇنپو ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان، 2009-يىلى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس قارار ماقۇللانغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە، 2007-يىلىدىن باشلاپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىشىدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىستونىيە، لاتۋىيە، شەرقىي تېمۇر، كوسوۋاغا ئوخشايدىغان دۆلەتلەرنىڭ، نۆۋەتتە مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، تېخى مۇستەملىكە ئاستىدا ياشايدىغان مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتا داۋاملىق ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرقى ھەمكارلىقىنىڭ، 20 يىل ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ۋە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ زىچ ھەمدە يۇقىرى دەرىجىدە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 20 يىللىق مۇراسىمىغا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى بىرگە قاتنىشىدىكەن، مۇراسىمغا يەنە، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ قاتنىشىدىكەن. كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يېرى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 20 يىللىق مۇراسىمىدا، ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەسىملەر كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.