بۇ قېتىمقى يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندىلەر ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان بولۇپ، مەمەت توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن بۇ يىغىننىڭ تارىخى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
مەمەت توختى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تەشكىلاتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەققىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە يىللاردىن بېرى كۆپ ساھەلەردە مىللىي مەنپەئەتلىرىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىچكى مۇزاكىرىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاساسىي كۈنتەرتىپتە تۇرغان بولۇپ، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئوينىغان رولى ۋە بۇندىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمىلەر بولۇپ ئۆتكەن.
د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىدا قانداق قىلىپ ئاكتىپ تېمىغا ئايلاندۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
