بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇ ن پ ئو ۋەكىللىرى، دەنخاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە كۆپلىگەن خەلقئارا سىياسىيونلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندىلەرمۇ قاتناشقان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 11-فېۋرال كۈنى دەنخاگتا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىدە باشلانغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن مەلۇمات بەردى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلار، مۇتەخەسسىسلەر مۇستەملىكە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەندىن تاشقىرى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ تەبرىك خەتلىرىمۇ ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.
يىغىندا يەنە، ئەينى چاغدا مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان، ھازىر بولسا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى قولىغا ئالغان مۇستەقىل دۆلەتلەر توغرىسىدا تەجرىبە-ساۋاقلار يەكۈنلەنگەن ھەمدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 20 يىلدىن بېرى ئېلىپ بارغان خەلقئارالىق پائالىيەتلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىلغان.
11-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن، گاگا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا مۇستەملىكە مىللەتلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئائىت رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرمۇ قاتناشتۇرۇلغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 12-ۋە 13-فېۋرال كۈنلىرى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئىچكى يىغىنى چاقىرىلىپ، خىزمەت پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن ۋە يېڭىدىن ئەزالىققا ئىلتىماس سۇنغان مىللەتلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسىلىلىرى قاراپ چىقىلىدىكەن.