ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنى بريۇسسېلدا ئاخىرلاشتى

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ يىغىنى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا چاقىرىلدى.

0:00 / 0:00

60 مىللەت ئەزا بولغان بۇ تەشكىلاتنىڭ يىغىنىغا 11 نەپەر ئىجرائىيە ھەي ‘ئەت ئەزاسى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى قاتناشتى.

يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نوۋاڭ چوپەر ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىندا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى ھەققىدە مۇھىم قارارلار ماقۇللاندى.

بىز بريۇسسېلدا يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، بۇ يىغىن ۋە يىغىندا ماقۇللانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارلار ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.