گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالماقتا

خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى ۋەكىللىرىدىن ۋاڭ دەن قاتارلىقلار خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

0:00 / 0:00

4-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى ۋەكىللىرىدىن ۋاڭ دەن قاتارلىقلار گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 12-ئاپرېل كۈنى نيۇيوركتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئەي ۋېيۋېي مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، خىتايدا ياسىمەن ئىنقىلابىنىڭ باستۇرۇۋىتىلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ۋەھشىي سىياسىتى ئاستىدا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى ۋە دېموكراتىك جۇڭگو قۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئېغىر بەدەللەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەي ۋېيۋېينىڭ خىتاي دېموكراتىك ئىنقىلابى مۇساپىسىدىكى بىر تراگېدىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

13-ئاپرېل كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان «خەلقئارانىڭ ئەي ۋېيۋېيغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە نىسبەتەن، خىتاي ھۆكۈمىتى: خەلق ئىنتايىن نارازى، دېدى» ناملىق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېستېر ۋېللې ئەپەندى خىتاينىڭ ئەي ۋېيۋېينى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سەگمار گابرىئېل «سەنئەتكارلار ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى زىيالىيلارنىڭ ئەركىن ۋەزىيىتى بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇۋازىنىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ئۆلچەم. ئەركىنلىك مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ ھاياتى. خىتاي ئەي ۋېيۋېينى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك» دېگەن.

گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماركۇس لۆنىڭ، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كلاۋدىيا روت، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى پارلامېنت رەئىسى فرانك ۋالتېر، گېرمانىيە يەھۇدىيلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىتەر گراۋمان قاتارلىقلارمۇ خىتاينى ئەيىبلەپ، ئەي ۋېيۋېينىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ماھىيىتىنى دۇنيا جامائىتىگە تولۇق ئاشكارىلاپ بېرىشتە ئۆرنەكلىك رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىگەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ ھەرقانداق ئۆكتىچى كۈچنى ھەرقانداق ۋاقىتتا خالىغان بەتنام بىلەن يوقىتالايدىغان ۋەھشىي خاراكتېرگە ئىگە بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۆز خەلقىگە ۋە دۇنياغا بەلگىلىك تەسىرى بولغان ئەي ۋېيۋېيدەك داڭلىق شەخسلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشتىن ئەيمەنمىگەن خىتاينىڭ، شەرقىي تۈركىستان زىيالىيلىرىنى يوقىتىشتىن ھېچ چېكىنمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاي تۈرمىلىرىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ئازاب ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۆتكەن ئاي شاڭخەيدىكى سەنئەت سارىيى بۇزۇۋېتىلگەن ئەي ۋېيۋېي، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا كېلىپ ئىشخانا ئېچىشنى پىلانلىغان. گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدىكى دىكتاتور زوراۋانلىقىنى ئىزچىل تەنقىدلەپ كەلگەن ئەي ۋېيۋېينىڭ گېرمانىيىگە بېرىشىنى خىتاي بىر چوڭ تەھدىت دەپ چۈشەنگەن. ئىلگىرى ئەي ۋېيۋېي نۇرغۇن قېتىم گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى رەھىمسىزلەرچە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن بۇيان، گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسى ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىگە ھەر كۈنى بەلگىلىك سەھىپە ئاجراتماقتا.