ۋاڭ لېچۈەن قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملىق تۈردە كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈنۈگۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىدا سۆز قىلغان ۋاڭ لېچۈەن، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئاساسى قاتلام خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. يىغىندا 4‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ۋاڭ لېچۈەن، شۇ قاتاردىكى ۋەقەلەرنى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 3 خىل كۈچلەر تەرىپىدىن پىلانلىق، تەشكىللىك ۋە تاكتىكىلىق ئېلىپ بېرىلغان ۋەھشىي بىر ھۇجۇم دەپ كۆرسەتكەن.

0:00 / 0:00

ۋەقەدە پەيدا بولغان زىياننى ئىنتايىن ئېغىر زىيان دەپ ئەسكەرتكەن. بۇ ۋاڭ لېچۈەننىڭ قەشقەر ۋە كۇچادا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۇنجى ئىپادە بىلدۈرۈشىدۇر.

ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئىشلەنگەن بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىگە مەدھىيە ئوقۇغاندىن كېيىن، يېقىنقى ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىرغان، ئەمما ئۇ ساۋاق ئېلىشتا جەمئىيەتتىكى ھەقسىزلىقنى تۈگىتىشنى ئەمەس، بەلكى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ چاقىرىقى، جەمئىيەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاراشلىرىغا زىت كەلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينى مۇقىملىق سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرماقتا. 11 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىغا سۆز قىلغان سىنگاپورلۇق مۇتەخەسسىس Harrison، خىتاي تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ خىل ھۇجۇمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سىياسەتتىن ساقلىنىش كېرەك دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە يەنە، شىنجاڭدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئۇزۇن مەزگىللىك، كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بىر جەڭ دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىدە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى مەسىلسىدە مەيدانى قەتئىي ۋە بايرىقى روشەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارغىمۇ گۇمان ۋە ئەندىشە بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. خەلقئارا خەۋەرلەر، يېقىنقى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن، رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ مەمنۇن، خىتاي خەلقىنىڭ بولسا نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە يەنە، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشتە، ھۇجۇمكار ھالەتتە تۇرۇش، باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇجۇقتۇرۇش، پۇختا مۇداپىئەلىنىش ۋە قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملىق تۈردە كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ سۆزلىرى يېقىنقى ئۈچ ۋەقەدىن پەرقلىق بىر دەرس ئالمىغانلىقىنى، يەنىلا ئەسكىرىي چارىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. سىنگاپوردىكى خەلقئارا زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى Harrison، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى رېئال ۋە تارىخىي سەۋەبلىرى بولغان قارشىلىقلار دەپ بىلدۈرگەن ئىدى. ۋە خىتاينى يالغۇز ئەسكىرىي چارە ئەمەس، سىياسىي ۋە ئىقتىسادى چارىلەرنى تەڭ قوللىنىشقا يەنى يەرلىك خەلقنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە يول قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشلىق ھېسسىياتىنى پەسەيتىشكە چاقىرغان ئىدى.

بۈگۈن رادىئومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمى قەشقەردىكى خىتاي ئاھالىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە رايوندىكى مىللىي تەڭسىزلىكنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: "بۇ بىر مىللىي رايون، ئەمما بۇ يەردە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇلار، بۇنىڭدىن خەلق نارازى." يەنە بىر خىتاي پۇقراسىمۇ بۇ مەسىلىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ تىلغا ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرىشىنى ھايات ‏ - ماماتلىق كۈرەش دەپ ئاتىشى، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىدىكى يېڭى بىر تېرمىندۇر. بۇ رايوندا ئەسكىرىي تەدبىرنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى ئاساسەن مۆتىدىل قاراشتىكى ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۈندىشى مۇمكىن."