[ سىن شۇيى Opens in new window ]
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ سىياسىي ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. سىن شۇيىنىڭ تۇيۇقسىز ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، كىشىلەردە بۇ ئىشنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈشى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىدۇ دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل پەرەزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان.
بوشۈن تور بېكىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، سىن شۇيى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپلا بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەم سىياسىي ھاياتىدا ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان شېرىكى ئىكەن. ئۇ بۇ قېتىم ئەيىبلەنگەندە ئاساسلىقى جىنەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تۇرغان 9 يىل ئىچىدە شەندۇڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق پارىخورلۇق، چىرىكلىك ۋە قەستلەپ ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلولىرىغا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەن.
يەنى ئۇ، 2007 - يىلى 10 - ئايدا پاش قىلىنغان جىنەن چىجېڭ بىرلەشمە شىركىتىدىكى مەبلەغ دېلوسى، جىنەندىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەت لىنو گۇرۇھىنىڭ چىرىكلىك دېلولىرىدىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئاشنىسى جىنەن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى دۈەن يىخېنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سىن شۇيى ئىلگىرى ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەكلىپى بىلەن شەندۇڭنىڭ ھۆكۈمەت ئۆمىكىنى باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەكشۈرۈشكە بارغان. ئۇنىڭ ۋاڭ لېچۈەن بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، نەتىجىدە جىنەن شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىپ نۇرغۇن سودا كېلىشىملىرى ئىمزالانغان ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا سىن شۇيىنىڭ كۈيئوغلى كوڭ جىئې مەسىلىسى. كوڭ جىئې بولسا ئىلگىرى ۋاڭ لېچۈەن شەندۇڭدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىپ، 1994 - يىلى چۆچەك شەھىرىدە قازاغا يولۇققاندىن كېيىن، ۋاڭ لېچۈەن تەرىپىدىن " خەلق قەھرىمانى" دەپ تەرىپلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ تىكلەنگەن كوڭ فەنسېڭنىڭ ئوغلى. كوڭ جىئېمۇ ۋاڭ لېچۈەن ۋە سىن شۇيى قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىپ، جىنەن شەھىرىدە مۇھىم ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىگە قويۇلغان بولۇپ، ئۇ، 2007 - يىلى 4 - ئايدا جىنەن شەھەرلىك ياشلار كومىتېتىنىڭ سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىگە قويۇلغان ئىكەن.
ھالبۇكى ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن 1 - نومۇرلۇق قاتىل دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بولسا، خىتايلار تەرىپىدىن شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ پارىخور دەپ سۈرەتلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئىدى.
"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن بۇيان جىددىيلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى، خەلقئارانىڭ دىققەت - ئېتىۋارىنى قوزغىغان بولۇپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى باشقىچە.
كۆزەتكۈچىلەر، "5 - ئىيۇلدىكى مىللىي توقۇنۇشنىڭ باش جاۋابكارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئۇنىڭ چوڭ خەنزۇچىلىق سىياسىتى، بولۇپمۇ ۋاڭ لېچۈەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى، يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، '5 - ئىيۇل ۋەقەسى'گە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان" دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ھازىر تەيۋەندە خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقان، ئەركىن يازغۇچى پائۇل موزۇرمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان، "مۈشكۈلاتتا قالغان زېمىنغا ساياھەت" ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،" بۇ رايوندا ئۇچۇرنىڭ قامال قىلىنىشى بىلەن، ئۆسەك سۆزلەر كۆپىيىپ، ھەممە يەرنى ئەنسىزلىك قاپلىماقتا.
ئۈرۈمچىدە يامان نامى پۇر كەتكەن، شەپقەتسىز يەرلىك ھۆكۈمران، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ تېخىچە جازاغا تارتىلماسلىقى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك باستۇرۇشلار سەۋەبىدىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئەڭ يامان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويماقتا" دېگەن ئىدى.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان، "يونۇلۇش" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، بۈگۈن ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ۋاڭ لېچۈەنگە بولغان نارازىلىقى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېىدى: "ۋاڭ لېچۈەننى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان، بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت تۈزۈمى ئاستىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىجراچىسى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ يەردىكى پۇقرالار ئارىسىدا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. خەلق خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان نارازىلىقىنى، ۋاڭ لېچۈەن ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىق ئارقىلىق ئىپادىلىمەكتە. ھازىر خەلق ئارىسىدا ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان سادالارنىڭ كۈچىيىشى مانا مۇشۇ سەۋەبتىن بولۇۋاتىدۇ. خەلق ھازىر بۇ خىل مۇستەبىت تۇزۇمنى ئۆزگەرتىشنى ۋاڭ لېچۈەننى تەختتىن چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەۋاتىدۇ."
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى، " '5 - ئىيۇل ۋەقەسى'نىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئەڭ چوڭ جاۋابكارلىقىنى ۋاڭ لېچۈەن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك" دەپ تەكىتلەشمەكتە. 2009 - يىلى 9 - ئاي مەزگىلىدە، چەتئەل ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بەزى دېموكراتىك زاتلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋغا ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىپ ئوچۇق خەت يازغان ئىدى.
ئەينى چاغدا بۇ ئوچۇق خەتكە، ئامېرىكا ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بەزى دېموكراتىك زاتلاردىن بولۇپ ئاز دېگەندە 250 ئادەم ئىمزا قويغان. ئىمزا قويغانلار ئىچىدە تىبەتلەر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى رەھبىرى زاتلارمۇ بار بولۇپ، بۇ خەت ب د ت نىڭ نيۇ - يوركتىكى ئومۇمى قۇرۇلتىيى شۇنداقلا پېتىستبۇرگدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىدىكى مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ۋاڭ لېچۈەن پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، قاتىل دەپ قارىلىپ خەلق تەرىپىدىن جازالاش تەلەپ قىلىنىۋاتقان شەخس بولماستىن، بەلكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىۋاتقان شەخس بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئىدى. ئۇ ھەتتا بۇ يىل 5 - ئايدا ئىسپانىيە سوتى تەرىپىدىن خىتايدىكى " ئىنسانىيەتكە قارىتا جىنايەت ئۆتكۈزگەن قاتىللار" دەپ ئەيىبلىنىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 8 ئادەمنىڭ بىرى ئىدى.
گەرچە "5 - ئىيۇل" ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەنگە بولغان نارازىلىقى كۈچىيىپ، ۋاڭ لېچۈەننى تەختتىن چۈشۈرۈۋېتىش ھەققىدىكى تەلەپلەر كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭ لېچۈەن ھەققىدە تېخىچە بىر قارار ئالمىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 2 - نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاخبارات مەركىزى ئىدارىسىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى لى جيەننىڭ، 2 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى جاڭ نەننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ۋاڭ لېچۈەننىڭ يېقىن ئارىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئەمما بۇ يىل 12 - ئايدىن بۇيان، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن كېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئاپوللو تور بېكىتىنىڭ 13 - دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ لېچۈەننى يېقىندا بېيجىڭغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مىڭ جەنجۇنى قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ ھازىرقى ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى چاڭ ۋېنىمېڭنى جەنجۇنىڭ ئورنىغا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قىلىپ بەلگىلىمەكچى بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ھەقتە ئېنىق بىر خەۋەر بەرمىگەن ئىدى.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تۈنۈگۈن تۇيۇقسىزلا شەندۇڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى سىن شۇيىنى پارىخورلۇق، چىرىكلىك ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلولىرىغا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنى بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇشى، كىشىلەردە سىن شۇيىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن يۆتكەپ كېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھازىرقى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى مىڭ جەنجۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ بەلگىلىنىشى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم باغلىنىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.