ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مەكتۇپ يوللاشتىكى مەقسىتى نېمە ؟

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يېقىندا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون پارتكومىنىڭ سىكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ، خىتاي ئۆلكىسىدە تەسىس قىلىنغان " شىنجاڭ سىنىپى" نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خېتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ يازغان بىر پارچە مەكتۇبى ئېلان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

بۇ خەتتە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىتتىپاق ۋە مۇقىم جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇش چاقىرىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ خەت ۋەتەن سىرتىدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئارسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تۇردى غوجا ئەپەندى ۋە گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىلەر ۋاڭ لېچۈەننىڭ مەزكۈر خېتى ھەمدە بۇ خەت ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان ئاساسلىق مەقسەت ۋە مۇددىئالىرى ئۈستىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.