ۋاڭ لىشيۈڭ: ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىنىش

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتايدىكى مۇستەقىل يازغۇچى ۋاڭ لىشيۈڭنىڭ "خىتاي ھەققىدە سۆھبەت" ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرىسى بېرىلدى.

0:00 / 0:00

خىتايدىكى مۇستەقىل يازغۇچى ۋاڭ لىشيۈڭ 2007 - يىلى ئېلان قىلغان "مېنىڭ غەربىي دىيارىم، سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ" ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ "خىتاي ھەققىدە سۆھبەت" ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى "ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى مىللىي مەسىلىدە يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى قوللانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى مەغلۇبىيىتى" دەپ كۆرسەتتى.

ۋاڭ لىشيۈڭ مۇخبىرنىڭ "سىز ئەينى ۋاقىتتا 'مېنىڭ غەربىي دىيارىم، سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ" ناملىق كىتابىڭىزدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىبەت مەسىلىسىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىڭىز، سىزنىڭ بۇنداق پەرەز قىلىشىڭىزدىكى ئاساس نېمە ئىدى؟"دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ پەرەزنى ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ئۇيغۇر رايونىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ ئىپادىلىرىگە ئاساسەن ھېس قىلغانلىقىنى، ئەگەر ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن كۆزەتكەندە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋاڭ لىشيۈڭ مۇخبىرنىڭ "بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى قان تۆكۈلۈش ۋەقەسى سىزنىڭ پەرىزىڭىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى، سىزنىڭچە بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەت تېخىمۇ ناچار بولۇشى مۇمكىنمىدۇ؟"دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

"شۇنداق، بۇ قېتىمقى ۋەقە ھەل قىلىنمايلا قالماستىن، بەلكى قانلىق باستۇرۇۋېتىلدى. بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش نەتىجىسىدە زىددىيەت تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، مەلۇم ۋاقىت كەلگەندە يەنە پارتلاپ چىقىشى مۇمكىن."

ۋاڭ لىشيۈڭ سۆھبەت جەريانىدا بۇ قېتىملىق قانلىق توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئەسلىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ راۋاجلىنىپ، مىللىي توقۇنۇشقا ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، يېقىنقى بىر نەچچە يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىپ ھازىرقىدەك مىللىي توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاللىبۇرۇنلا شەرت ھازىرلىنىپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ۋاڭ لىشيۈڭ مۇخبىرنىڭ بۇلتۇر 3 - ئايدا تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇش بىلەن بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بارلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ سالمىقىنىڭ تىبەتتىكىدىن كۆپ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېر، دىن ۋە ئۆرپ ئادەت جەھەتتىن خىتايلاردىن تېخىمۇ زور دەرىجىدە پەرق قىلىدىغانلىقىدىن باشقا، ئاساسلىقى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولغانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋاڭ لىشيۈڭ بۇ مەسىلىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىگەن كۆچمەن خىتاي نوپۇسىنىڭ تىبەتكە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، تىبەتكە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئاساسلىقى چوڭ شەھەرلەرگە، قاتناش تۈگۈنلىرىگە، ساھايەت ئورۇنلىرىغا مەركەزلەشكەن بولسا، ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلارغىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن،ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تىرىكچىلىك مۇھىتى بىۋاسىتە تەھدىتكە ئۇچراپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى كۈچىيىپ، مىللىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋاڭ لىشيۈڭ سۆھبەت جەريانىدا خىتايدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ، "خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنىدا بەلگىلىگەن، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى سەۋەبىدىن، يەرلىك مىللەتلەر تېخىمۇ زور ئېتىبار بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، نارازىلىق كېلىپ چىقتى، خىتايلار بولسا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بەردى دەپ نارازى بولدى، شۇڭا خىتايدا ئاپتونومىيە قانۇنى ئەمەلدىن قېلىشى كېرەك" دېگەن قارىشىغا رەددىيە بەردى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى مۇنداق ئىپادىلىدى :"خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنىدا بەلگىلىگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، ئەمەلىيەتتە خىتاي مىللىتىنىڭ ئەڭ زور مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلگەن سىياسەت بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان مەنپەئەتىمۇ ئەسلى ناھايىتى چەكلىك ئىدى. لېكىن مۇشۇ سىياسەتمۇ ھېچقاچان ئەمەلىيلەشكىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرۈنۈشتە ئاز سانلىق يەرلىك مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بەلگىلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە كۆچمەن يۆتكەش،ئىشقا ئورۇنلىشىش، دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ‏ - ئادەت، مىللىي تىل... قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندىن كېيىن نارازىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇقەررەر. شۇڭا ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەمەس، بەلكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا كەڭ قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈزۈلمىسىدە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس."

ۋاڭ لىشيۈڭ مۇخبىرنىڭ بۇ ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "بۇ قېتىملىق 'ئۈرۈمچى ۋەقەسى' قانچە تېز پارتلىغان بولسا، شۇنچە تېزلىكتە ھېچقانداق مەسىلە ھەل قىلىنماي قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇۋېتىلدى. بۇ خىل باستۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى زىددىيەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى. ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى مىللىي سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك ئىدى، شۇ چاغدىلا كەلگۈسىدە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان تېخىمۇ زور مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى. ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۆزىگە شوئار قىلغان غايەت زور شىركەتكە ئوخشايدۇ، ئۇلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش دېگەن نىقاب ئاستىدا ھوقۇق، ئىمتىيازغا ئېرىشىۋاتىدۇ، بايلىق توپلاۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ خىل قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەس."

ۋاڭ لىشيۈڭ ئەپەندى سۆھبەت ئاخىرىدا، مۇخبىرنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ قېتىمقى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ پەقەتلا كىچىك بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنكى مىللىي توقۇنۇشنىڭ بەلكىم تېخىمۇ كەسكىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، خىتايدا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ قالسا، ھەرگىزمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش تىنچ ھالەتتىكى پارچىلىنىش ئەمەس، بەلكى سابىق يۇگوسلاۋىيىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئوخشاش ئېغىر ھالەتتىكى قان تۆكۈلۈش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى، ھەتتا قارشىلىق ۋە قان تۆكۈلۈشنىڭ تېخىمۇ كوپ، دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئېھتىماللىقنىڭ ھەر ۋاقىت مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.