ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى 'تارىختا خىتايدىن مەلىكە ياتلىق قىلىنغانلىكى دۆلەت خىتاينىڭ زېمىنى' دېگەن سەپسەتىنى رەت قىلدى

ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان يازغۇچى ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى 4 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى 'كۆزىتىش جۇرنىلى'دا بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن 1300 يىل بۇرۇن خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسى تىبەت خانىغا مەلىكە ياتلىق قىلغان بىر رىۋايەت ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.22

 ئۇ ماقالىسىدە تىبەت تارىخىدىكى ۋېن چېڭ مەلىكە رىۋايىتىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتا كۆز قاراشلارنى رەت قىلىپ 'خىتاي تارىختا ئەتراپتىكى قايسى بىر دۆلەتكە مەلىكە ياتلىق قىلغانلا بولسا، ئۇ دۆلەت شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ قالغان دېگەن كۆز قاراش بىر قاملاشمىغان مەنتىقە' دەپ جاكارلىدى.

ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى 1990 ‏- يىللاردا 'سېرىق ئاپەت' ناملىق بىر كىتاب يېزىپ خەلقئاراغا تونۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تىبەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ئاسمان ئىلاھىغا ئاتاپ دەپنە قىلىش' ناملىق بىر كىتاب يازدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا ،ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتى بىڭتۇەننىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە بېرىپ تاقالغاندا، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن 'شىنجاڭ خاتىرىسى' دېگەن ئەسلىمىسىنى يېزىپ خەلقئارادا ئېلان قىلدى. ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تىبەت تارىخىدىكى 'ۋېن چېڭ مەلىكە' رىۋايىتى ھەققىدە يازغان ماقالىسىنى تونۇشتۇردى.

ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تارىختا خىتايدىن تىبەتكە ياتلىق قىلىنغان مەلىكە رىۋايىتى ھەققىدىكى ماقالىسىنى خېلى بۇرۇنلا يېزىپ پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقىدەك تىبەت مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان ئادەم كۆپەيگەن شارائىتتا، ئاندىن بۇ ماقالىنى ئېلان قىلىدىغان پۇرسەت كەلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلاردا تىبەت بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋېن چېڭ مەلىكە تىبەت خانىغا ياتلىق قىلغاندىن كېيىن باشلانغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ تىبەت زېمىنى خىتايغا تەۋە بولغان دەيدىغان كۆز قاراش بار. مەن بۇ ماقالەمدە ،‏‏- دەيدۇ ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى، ‏- مۇشۇنداق كۆز قاراشتا بولغان كىشىلەرگە، بۇنىڭ بىر چوڭ چۈشەنمەسلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدىم. ئەمەلىيەتتە ئەينى زاماندا تىبەت پۈتۈنلەي بىر مۇستەقىل دۆلەت ئىدى، بەلكى ناھايىتى كۈچلۈك دۆلەت ئىدى.

ئەينى زاماندا خىتاينىڭ تىبەتكە مەلىكە ياتلىق قىلغانلىقى تىبەت خىتايغا قارايدىغان دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسى تىبەتنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە ئۇچرىغاندا، تىبەت بىلەن مۇرەسسە قىلىش ئۈچۈن قۇدا بولۇش شەكلىنى قوللانغان، ئۇ ھېچقاچان دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئەمەس ئىدى. ئەينى زاماندا ياۋروپادا دۆلەتلەر ئارا " قۇدا " بولۇش بىر نورمال ئەھۋال ئىدى. قايسى بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ مەلىكىسىنى باشقا بىر دۆلەتكە ياتلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيە ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولغان ئەمەس. خىتايدىمۇ ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزىنى باشقا بىر دۆلەتكە ياتلىق قىلسا، ئۇ دۆلەت شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ قالغان ئەمەس، ئەمما خىتايلاردا خىتاي قىزلىرى ياتلىق قىلىنغانلىكى دۆلەتنى خىتاينىڭ زېمىنى دەيدىغان غەلىتە كۆز قاراش بار. ۋاڭ ئەپەندى شۇڭلاشقا بىر ماقالە يېزىپ بۇنداق خاتا كۆز قاراشتىكى كىشىلەرگە چۈشەنچە بەرمەكچى بولغان.

‏-‏ خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەيزۇڭ خانى زامانىسىدا،‏-‏ دەپ بايان قىلىدۇ ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى تىبەت تارىخىدىكى 'ۋېن چېڭ مەلىكە' دېگەن رىۋايەت ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە ، ‏-‏ شىمالدىكى تۈرك خانلىقىنىڭ خاقانى كۈچلۈك خاقانغا بىر مەلىكە تەقدىم قىلىنغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى مۇستەقىل بەگلىكلەرگىمۇ مەلىكە تەقدىم قىلىش باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە، تاڭ سۇلالىسىدىكى ئوردا بەگلىرىنىڭ خىتاي قىزلىرىدىن ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەرگە تەقدىم قىلىنغان 'مەلىكە' سانى 15 تىن ئاشقان ئىدى. ئەينى زاماندا، ئاللىقاچان قېرىپ كەتكەن تىبەت خانى سوڭزەنگانپۇغىمۇ 13 ياشلىق خىتاي مەلىكىسى ياتلىق قىلىنغان ئىدى. ئەينى زاماندا ، خىتايدا تاڭ سۇلالىسىنى قۇرغان لى فامىلىلىك تۈرك جەمەتى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن 'قۇدا بولۇش' تەدبىرىنى قوللىنىپ چېگرانىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.

ۋاھالەنكى، تاڭ سۇلالىسى ئەينى زاماندا ئۆزى قۇدرەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن مەلىكە تەقدىم قىلغان ئەمەس. ھازىر تارىختا يۈز بەرگەن شۇ ۋەقەلەرنى بۇرمىلاپ، 'تىبەتكە مەلىكە ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن تىبەتتە مەدەنىيەت پەيدا بولدى' ، 'تىبابەتچىلىك، ھەر خىل قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، ھەتتا تاماق ئېتىش تېخنىكىسىمۇ پەيدا بولدى' ، 'شۇنىڭدىن كېيىن تىبەت خىتاينىڭ ئايرىلماس زېمىنى بولۇپ قالدى' دەۋېلىش تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن بولمايلا قالماي، بەلكى بۇ بىر ئۆزىنى‏ - ئۆزى ئالدايدىغان خام خىيال. خىتايدىكى تارىخچىلار ئەپسانە بىلەن تارىخنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك.

ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە، ئىككى ئەۋلاد ئادەم ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مۇنداق بىر مۇنازىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا يەرلىشىپ قالغان بىر گومىنداڭ ئوفىتسېرى نەۋرىسىگە ' تىبەت ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، بۇنىڭدىن 1300 يىل بۇرۇنلا جۇڭگو ئۆزىنىڭ بىر مەلىكىسىنى تىبەتكە ياتلىق قىلغان ئىدى' دەپ تەلىم بەرگەندە، ياش ۋاقتىدا مېڭىسىگە بۇنداق كونا گەپ سىڭىپ كەتكەن بۇ كىشىنىڭ نەۋرىسى ليۇ دېڭ ئەپەندى ئەينى زاماندا نىپالغىمۇ خىتايدىن مەلىكە ياتلىق قىلىنغان ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ھازىر نىپالنىمۇ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى دېمەيسەن' دەپ سۇئال قويغان.

تېلېفوندا بىزنىڭ ئاۋازىمىز خىتاي تەرەپكە ياخشى ئاڭلانمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندىگە مۇشۇ تېما توغرىسىئىدا قويغان باشقا سۇئاللىرىمىز ۋاقتىنچە جاۋابسىز قالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.