'يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ھەم مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالى'

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى"دا، "شىنجاڭدىكى يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ھەم مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالى" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پارتكوم سېكرېتارىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەم ئىلھام توختى، غەيرەت نىياز قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان.

0:00 / 0:00

"

ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى" دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدەOpens in new window ]

، ئالدى بىلەن بۇلتۇر گۇاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن، "26 - ئىيۇن" شاۋگۈەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا خىتاي ئىشچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش ھەتتا ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى؛ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشى"دىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا جىددىي ھالەتتە تۇرغانلىقى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

"بۇلتۇر 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە 60 يىلدىن بۇيان رايوندا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر، ئەڭ خەۋپلىك بىر ۋەقە بولدى، "26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقىغا پەقەت ئىككى ئاي ۋاقىت قالغان مۇشۇ كۈنلەردە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئەمەلدارىنى يۆتكىدى.مۇشۇ كۈنلەردە رايوندىكى ۋەزىيەت يەنىلا جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا. رايوندا بۇ 8 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرگە نىسبەتەن ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن، خەلقنىڭ چۈشەنچىسىدە زور پەرق بار، ئۇنىڭدىن باشقا، رايوننىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن رايوندىكى كۆچمەن خىتايلارنىڭ رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە نىسبەتەن قارىشى ئوخشىمايدۇ. يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يەنىلا جىددىي ھالەتتە."

ماقالىدە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ، قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن "تۆمۈر مۇشت" نامىنى ئالغان ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ بەلگىلەشكە مەجبۇر بولغانلىقى مۇنداق ئانالىز قىلىنىدۇ:

"خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى ئويلاۋاتسا كېرەك. شۇڭلاشقىمۇ ۋەقەدىن كېيىن، خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشيەننى پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىدى. بۇ ئەھۋال كىشىلەردە رايوننىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنمىدۇ دېگەن ئۈمىدنى تۇغدۇرماقتا. 24 - ئاپرېل كۈنى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندا رايوندىكى كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پوجاڭزا ئېتىپ ئۇنىڭ تەختتىن چۈشكەنلىكىنى تەبرىكلىگەنلىكى، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭغا قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا."

ماقالىدە گەرچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئەمەلدارنى يۆتكىگەن بولسىمۇ، ئەمما رايون ۋەزىيىتىدە يەنىلا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھەق - ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدە ياخشىلىنىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىلھام توختى، غەيرەت نىيازغا ئوخشاش بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ يەنىلا ئېغىر تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنىدۇ:

"ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە، يېڭىچە تەڭشەش ھەم ئۆزگىرىش بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن نورمال كىشىلىك قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرىمۇ كاپالەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە نىسبەتەن ئاۋام پۇقرالاردەك خۇشال كەيپىيات ھەم تەبرىكلەش ھېسسياتىدا بولالمىدى. 20 يىلدىن بۇيان بۇ رايون ھېچقاچان تىنچ بولمىدى. ئىچكى جەھەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي سىياسەتتىكى يېتەرسىزلىكلەر، سىرتقى جەھەتتىكى "ھازىرقى زامان ئىسلام ھەرىكىتى" ھەم "ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش" ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىدە، رايوندا كۆپ قېتىم نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى. ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ ۋەقەلەرنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش تەدبىرىنىلا قوللىنىپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب ھەققىدە ئىزدىنىشنى خالىمىدى. ھەتتا رايوندىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى ھەم زىيالىيلىرىغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاندى. بۇ قېتىم تۈركىيىدىكى خەلقئارا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات يىغىنىغا بېرىشتىن توسۇپ قېلىنغان، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى ھەم، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى سىياسىتىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى سۇنغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتقان شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز ئەپەندىلەر مانا شۇ خىل باستۇرۇشقا ئۇچرىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدۇر."

ماقالىدە، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىلھام توختى ئەپەندى تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتى ھەم "دىيارىم"، "شەبنەم" قاتارلىق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرى تەرىپىدىن "ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق قىلغان" دەپ ئەيىبلىنىپ، 300 گە يېقىن ئۇيغۇر تور بېكىتى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىراقلا تاقالغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالە ئاخىرىدا يەنە، "ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى" مۇخبىرىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىمۇ بېرىلگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت ھەم يېڭىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن جاڭ چۈنشيەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدى مۇنداق بايان قىلىنغان:

"ھازىر مەركىزى ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشتا، رايوندا ئەمەلدارنى ئالماشتۇرغاندىن باشقا، مۇھىمى يەنىلا رايوندىكى ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى ياخشى تەھلىل قىلىشى، بولۇپمۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتا بولمىغان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى ھەم زىيالىيلىرىغا نىسبەتەن كەڭرەك سىياسەت قوللىنىشى، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىشى كېرەك. غەيرەت نىيازغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇ زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رايوننى تەكشۈرۈشكە بېكىتىلگەن مۇتەخەسسىسلەرگە قارىغاندىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن مۇتەخەسسىسلەر تىل، تۇرمۇش ئادىتى، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن توغرا چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىدى، ھەتتا خاتا ئۇقۇملاردا بولغىنى ئۈچۈن، دائىم ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ نۇقتىنى كۆرۈپ يېتىشى، رايوندا مەركىزى ھۆكۈمەت ئۆزى بەلگىلىگەن مىللەتلەر قانۇنىدىكى ھەق ‏ - ھوقۇقلاردىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ رايوندىكى مىللىي مەسىلە ياخشى ھەل قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغاندا، رايوندا ھۆكۈمەت ئارزۇ قىلغان مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشى تەسكە توختايدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.