ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشمەسلىكى ۋە جىددىي ھالەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى

"5 - ئىيۇل" ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەنگە بولغان نارازىلىقى كۈچىيىپ، ۋاڭ لېچۈەننى تەختتىن چۈشۈرۈۋېتىش ھەققىدىكى تەلەپلەر كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭ لېچۈەن ھەققىدە تېخىچە بىر قارار ئالمىغان.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۈگۈن 2 - نويابىردىكى خەۋىرىدە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا ۋاڭ لېچۈەن ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم يىغىنىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە، مۇقىملىقنىڭ يەنىلا ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ دوكلات بەرگەنلىكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرىنىڭمۇ يىغىندا بارلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندا بەرگەن دوكلاتىنى ئۆگىنىشكە چاقىرغانلىقىغا قارىتا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ لېچۈەن ھەققىدە ھازىرغىچە قارار ئالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئانالىز قىلىنغان.

ماقالىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاخبارات مەركىزى ئىدارىسىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى لى جيەننىڭ، تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى جاڭ نەننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ۋاڭ لېچۈەننىڭ يېقىن ئارىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

"ھازىرقى ئەھۋالدا، بېرىنچىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن كىتىشكە ئۇنىمايۋاتىدۇ. مەركىزى ھۆكۈمەتمۇ ھازىرچە ئۇنىڭ خىزمىتىنى يۆتكەشنى قارار قىلمىدى. مەيلى دۆلەت نۇقتىسىدىن بولسۇن، ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەزىيىتى نۇقتىسىدىن بولسۇن،ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن ئالغاندا ۋاڭ سېكرېتار ھازىرچە كەتمەيدۇ."

ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ ۋاڭ لېچۈەنگە بولغان نارازىلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلارمۇ بېرىلگەن. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى مۇخبىرى جاڭ نەننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر تۇڭگان پۇقراسى، ۋاڭ لېچۈەن باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ شاۋگۈەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، مەسىلىنى ۋاقتىدا ئادىل بىر تەرەپ قىلماي، ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبكار بولغانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ ھازىرقىدەك قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىدا ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر خىتاي پۇقراسى مۇنداق دېگەن.

"شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋاڭ لېچۈەننى تىللىماقتا. ئۇيغۇرلارمۇ، خىتايلارمۇ ئۇنى تىللايدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بايلىق مەنبەلىرى شۇنچە مول تۇرۇقلۇق، بۇ يەردىكى پۇقرالار نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ."

ھازىر تەيۋەندە خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقان، ئەركىن يازغۇچى پائۇل موزۇرمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان،"مۈشكۈلاتتا قالغان زېمىنغا ساياھەت" ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،" بۇ رايوندا ئۇچۇرنىڭ قامال قىلىنىشى بىلەن، ئۆسەك سۆزلەر كۆپىيىپ، ھەممە يەرنى ئەنسىزلىك قاپلىماقتا. ئۈرۈمچىدە يامان نامى پۇر كەتكەن، شەپقەتسىز يەرلىك ھۆكۈمران، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ تېخىچە جازاغا تارتىلماسلىقى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك باستۇرۇشلار سەۋەبىدىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئەڭ يامان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويماقتا" دېگەن ئىدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان، "يونۇلۇش" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، بۈگۈن ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خەلقنىڭ ۋاڭ لېچۈەنگە بولغان نارازىلىقى شۇنچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ لېچۈەنگە قارىتا تېخىچە بىر قارار ئالماسلىقىغا نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى.

" ۋاڭ لېچۈەننى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان، بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت تۈزۈمى ئاستىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىجراچىسى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ يەردىكى پۇقرالار ئارىسىدا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان، خەلق خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان نارازىلىقىنى ۋاڭ لېچۈەن ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىق ئارقىلىق ئىپادىلىمەكتە. ھازىر خەلق ئارىسىدا ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان سادالارنىڭ كۈچىيىشى مانا مۇشۇ سەۋەبتىن بولۇۋاتىدۇ. خەلق ھازىر بۇ خىل مۇستەبىت تۇزۇمنى ئۆزگەرتىشنى ۋاڭ لېچۈەننى تەختتىن چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەۋاتىدۇ."

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ لېچۇەننى يەنىلا ئۆز ئورنىدا قالدۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە، ئۆز قارىشىنى مۇنداق ئىپادىلىدى.

" خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئەمەلىيەتتە، مۇستەبىتلىك تۈزۈمى ئاستىدىكى ' مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ' دەيدىغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى بولغىنى ئۇچۇن،ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدا بۇ جاينىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئېگىلىۋېلىپ، يەرلىك خاقانغا ئايلىنىۋالغان ۋاڭ لېچۈەن بىلەن ھازىرقى مەركىزى ھۆكۈمەتتىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەت چېتىشلىقى بولغىنى ئۈچۈن، ئۆمۈچۈك تورى شەكلىدە بىر - بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدىكى مەنپەئەت نۇقتىسىدىن، مەركىزى ھۆكۈمەت ھازىرچە ۋاڭ لېچۈەندىن ئىبارەت بۇ يەرلىك خاقاننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن يۆتكىمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى دېموكراتىك ئىدىيىنى ياقلايدىغان، خەلقپەرۋەر ھاكىمىيەت بولغان بولسا، مۇشۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتتە ۋاڭ لېچۇەننى ئەمىلىدىن ئېلىۋېتىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى يۇمشاتقان بولاتتى، ئەمما ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، مەسىلىنى سەمىمىيلىك بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، ئىچكى جەھەتتىن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ قاتمال ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ."

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان بۇ خىل قامال قىلىپ، قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئۆزگەرمىسە، ۋاڭ لېچۈەن ئۆز تەختىدە داۋاملىق تۇرىۋەرسە، بۇندىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ قاتماللىشىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.

" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ '5 - ئىيۇل ۋەقەسى' دىن كېيىن، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈۋېتىشى، ئىچكى جەھەتتىن قامال قىلىپ باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىشى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارىغان كىشىلەرنى ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنغىمۇ خىلاپ ھالدا، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۆز ئورنىدا يەنىلا تۇرۇۋېرىشى قاتارلىقلارنىڭ كەلگۈسىدە قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە كېسىپ بىر نېمە دېيەلمىسەكمۇ، ئەمما بۇنداق كىتىۋەرسە، نارازىلىق كۈچىيىپ تېخىمۇ چوڭ ۋەقەلەرنىڭ چىقىشى مۇقەررەر."

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ لېچۇەننى يۆتكىمەسلىكىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلشات ئەپەندى، ئەمەلىيەتتە ۋاڭ لېچۇەننى يۆتكەش بىلەنلا مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى تۈزۈلمىسى ئۆزگەرمىسە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمايدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

ئىلشات ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ شۇنچە قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماستىن ۋاڭ لېچۈەننى، يەنىلا ئۆز ئورنىدا قويۇشىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قەدىرلىك ئوقۇرمەن دوستلار، ۋاڭ لېچۈەن پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، قاتىل دەپ قارىلىپ خەلق تەرىپىدىن جازالاش تەلەپ قىلىنىۋاتقان شەخس بولماستىن، بەلكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىۋاتقان شەخس بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئىدى، ھەتتا بۇ يىل 5 - ئايدا ئىسپانىيە سوتى تەرىپىدىن خىتايدىكى " ئىنسانىيەتكە قارىتا جىنايەت ئۆتكۈزگەن قاتىللار" دەپ ئەيىبلىنىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 8 ئادەمنىڭ بىرى ئىدى.