ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن مەقسەتنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدە خىتاي مەدەنىيەت كىملىكى يېتىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەشەببۇسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
ۋاڭ لېچۈەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ئاكتىپلىرىغا بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى "ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىش، باش كۆتەرگەن ھامان زەربە بېرىش، ئالدىنئالا قول سېلىش" يوليورۇقىدا چىڭ تۇرۇشنى، "ھەر مىللەت كادىر - ئاممىسى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى سىياسى ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش" نى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى پاش قىلىشنى ۋە ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرۇشنى تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5 - نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقىدا ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىدېئولوگىيە سېپىگە كېڭەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى ھەرىكەتنىڭ كېلەر يىلى يازغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋاڭ لېچۈەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ئاكتىپلىرىغا بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى "ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىش، باش كۆتەرگەن ھامان زەربە بېرىش، ئالدىنئالا قول سېلىش" يوليورۇقىدا چىڭ تۇرۇشنى، "ھەر مىللەت كادىر - ئاممىسى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى سىياسى ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش" نى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى پاش قىلىشنى ۋە ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرۇشنى تەكىتلىگەن. رايوندا كېلەر يىلى يازغا قەدەر بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتى قانات يايدۇرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى ۋاڭ لېچۈەن، " ئاپتونوم رايون پارتكومى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئاستىدا بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئاپتونوم رايون مىقياسىدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى مەركەزلىك قايتا تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇش، كەڭ كادىر ۋە ئاممىغا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە ئۆتكۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇتۇش ۋە ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى" دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە، رايوندا سىياسى تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ كىشىلەردە " خىتاي دۆلەت كىملىكى ۋە خىتاي مەدەنىيەت كىملىكى تىكلەشنى ئالغا سۈرۈش" ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خىتاي تىلى ئۆگىتىشنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋاڭ لېچۈەن مىللەتلەر ئىتتىپاقى ئۆلگىلىرىنىڭ يىغىنىدا تەكىتلىگەن بۇ چارە - تەدبىرلەر چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ئىدى.
ئامېرىكىدا ياشايدىغان ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىسى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى ئىلشات ئەپەندى، ئۇيغۇرلاردا خىتاي مەدەنىيەت كىملىك ئېڭى تىكلەش تىرىشچانلىقى ئەكس نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ھەرىكەتنى ئىدېئولوگىيە ئاڭ سېپىگە كېڭەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋاڭ لېچۈەن، چۈنكى "ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسەتتىكى، رايونىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيە ئاڭ سېپى ئەزەلدىن بېرى ' ئىس تۈتەكسىز' جەڭ مەيدانى بولۇپ كەلگەن " دەيدۇ. ۋاڭ لېچۈەن " ئىس - تۈتەكسىز " جەڭ مەيدانىنىڭ قارشى سېپىدىكىلەرنى " شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلىغۇچىلار، شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭخۇا مىللەتلەر ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلار، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن تارىخىنى بىرگە ياراتقانلىقىنى رەت قىلغۇچىلار...كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، پىكىر جەھەتتىكى بۆلگۈنچىلىك ياراتقۇچىلار ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى بۇزغۇچىلار" دەپ ئىزاھلايدۇ. ئۇيغۇر تارىخى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن يىللار ھەل بولماي كېلىۋاتقان چوڭ ئىختىلاپلارنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكىدىكى ئىلشات ئەپەندى خىتاينىڭ تارىخ مەسىلىسىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنى ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "تارىخنى بۇرمىلىغۇچىلار" نى بۆلگۈنچىلىك قاتارىدا جازالاش پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم، دەپ ئەيىبلىدى.
ۋاڭ لېچۈەن ئاكتىپلار يىغىنىدا يەنە كومپارتىيىنىڭ دىنىي مەسىلىلەردىكى سىياسىتىنى شەرھىلىگەن، دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش، دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىشنى، لېكىن دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپ، خىزمەت تەرتىپى ۋە تۇرمۇش تەرتىپىگە توسالغۇ پەيدا قىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ۋاڭ لېچۈەن، "ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش.... ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك،" دەيدۇ.
لېكىن ئامېرىكىدىكى ئىلشات ئەپەندى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بېرى ئارقا - ئارقىدىن ئاتالمىش "مىللىي بۆلگۈنچىلەر" گە قارشى نۇتۇقلارنى ئېلان قىلىشىنى تاسادىپىي، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، يەرلىك دائىرىلەر غەرب ئەللىرىنىڭ دىققەت نەزىرى گروزىيە - رۇسىيە توقۇنۇشى تۈپەيلى رۇسىيىگە ئاغدۇرۇلغان، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان قىزىقىشى سۇسلىغان مەزگىلنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە ئولىمپىك مەزگىلىدىكى قارشىلىقنىڭ ئۆچىنى ئالىدىغان پۇرسەت، دەپ قاراۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.