كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 14 يىل ئىلگىرى غۇلجا ياشلىرىنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرۇپ، نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان ۋە نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

شۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇرلار 5-فېۋرالنى تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك خاتىرە كۈنلەردىن بىرى دەپ ھېسابلايدۇ. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى بۇ خاتىرە كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلمەكتە. 2 -ئاينىڭ 5-كۈنى كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مەزكۇر شەھەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا، نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىپ،ئەينى ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ياشلارنى ياد ئەتتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئۆمەرجان ئەپەندى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي داۋاسىنى تونۇشتۇرۇشتا نامايىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەرنىڭ ئوينايدىغان رولى ھەققىدە توختالدى.